تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئېرتىش دەرياسىدىكى 1- كەنت»تىكى بەخت ناخشىسى

ــــ كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خاتىرىسى

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ما جيەنلۇڭ، زوۋ يى، جۇڭ جاۋفېڭ، جامبولات ماناربېك

4- ئاينىڭ 23- كۈنى، كوكتوقاي مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى كان گېئولوگىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى كوكتوقاي بازىرىنىڭ تاراتى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى جېڭ دۇڭچيەن كەنت ئاھالىسى پامىلا قوجا (سولدىن 2- كىشى) ئائىلىسىنى زىيارەت قىلماقتا.
(شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

  بۇ يەرنىڭ ئاسمىنىنىڭ كۆكلۈكىگە قاراپ ئادەم كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالاتتى، ئاپئاق بۇلۇتلار خۇددى توپ - توپ قويلارغا ئوخشاش كۆك ئاسماندا لەيلەپ يۈرەتتى. ئېرتىش دەرياسىنى ئېقىنغا قارشى بويلاپ ماڭغاندا، مەنبەگە يېقىن جايدا 184 ئائىلىلىك كىچىك بىر كەنت − تاراتى كەنتى بار، كىشىلەر بۇ يەرنى «ئېرتىش دەرياسىدىكى 1- كەنت» دەپ ئاتىشىدۇ.

   نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندا چوقۇم پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك

  «بۇ يەرنىڭ قىشى ناھايىتى سوغۇق.» تاراتى كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرسۇن مەدىقان مۇنداق دېدى: تاراتى كەنتىدە قىشتا تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 40 نەچچە سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا نۆلدىن تۆۋەن 50 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ.

  «20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن ئىلگىرى بۇ يەردە پەقەت 20 نەچچە چارۋىچى ئائىلىسىلا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار ئېرتىش دەرياسى بويىدىكى كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇراتتى، ئەجدادلىرىمىز بۇ يەردە ئات سۇغىرىپ، چارۋا بېقىپ، بۇغداي تېرىپ، ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەيدىغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەنىدى» دېدى تۇرسۇن.

  «ئەينى چاغلاردا قىش كۈنلىرى كەنت ئاھالىلىرى زاپاس ساقلىۋالغان بۇغداي ۋە قۇرۇتۇۋالغان گۆش بىلەن قىشنى چىقىراتتى. چارۋىلارنىمۇ قوتاندىن چىقارمايتتى، چارۋىلار تۈگۈلگىنىچە چىڭ قىستىلىشىپ قاتتىق سوغۇققا تاقابىل تۇراتتى».

  تۇرسۇن بۇ كەنتتە تۇرمۇش كەچۈرگەن كۈنلىرىنى ئەسلىدى، بىر قانچە ئىش ئۇنىڭ چوڭقۇر ئېسىدە قالغانىدى:

  1985- يىلى، كەنتتە تۇنجى چىراغ بار بولدى؛

  2008- يىلى، كەنتتە ئات مىنمىسىمۇ سىرتقا چىققىلى بولىدىغان تۇنجى يول بار بولدى؛

  2014- يىلى، كەنتتىكى ھەربىر ئائىلىدە تۇرۇبا سۈيى بار بولدى؛

  2018- يىلى، كەنتتىكى ھەممە ئائىلىدە «مۇنچىلىق ھاجەتخانا» بار بولدى؛

  ...«بۇ يىل چاغاندا كەنتىمىز باشقىچە قىزىپ كەتتى، نۇرغۇن كىشى كەنتىمىزگە كېلىپ، چاغاننى بىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى!» تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىز ئەڭ قورقىدىغان قار بۈگۈنگە كەلگەندە بىز ئەڭ ياقتۇرىدىغان گۆھەرگە ئايلاندى، بىز كەنتىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن چوقۇم پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك!»

   بېيىشتا يەنە تىرىشچانلىقىمىزغا تايىنىشىمىز كېرەك

  تۇرسۇن كەنت ئاھالىلىرى سايلىغان باشلامچى. «ئون نەچچە يىل ئىلگىرى تۇرسۇن تۇنجى بولۇپ كەنتتە قارىقات تېرىدى ھەم قارىقات تېرىشقا تايىنىپ تۇنجى بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.» كەنت ئاھالىسى ئېرلان سابىت مۇنداق دېدى: «ئۇ يەنە كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ، بىرلىكتە قارىقات تېرىپ، بىزنى تەدرىجىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. كەنتكە تاشيول تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ كەنت بويىچە تۇنجى بولۇپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ قارىقاتنى ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىشىغا ياردەم قىلدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە كەنتىمىزدىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى نامرات تۇرمۇشتىن قۇتۇلدى».

  «بۇلتۇر، ناھىيە ۋە بازار بىزنى ئائىلىۋى ياتاق سېلىپ، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى. بەزى كەنت ئاھالىلىرى بۇنى چۈشەنمىدى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۆيمۇئۆي كىرىپ سەپەرۋەر قىلدى. ناھىيە ۋە بازار رەھبەرلىرى، <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆي سېلىشىمىزغا ياردەم بەردى، بىزنى تەكشۈرۈشكە ئاپاردى، يەنە كۇرس تەشكىللىدى، ساياھەت مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى سەپلەپ بەردى» دېدى ئېرلان.

  «مەن كەنتتە تۇنجى بولۇپ قىشلىق ساياھەتچىلىكنى باشلىدىم، ساياھەتچىلەرنى نان پولۇ، قۇرۇق قازان قوي گۆشى قورۇمىسى، قارىقات مۇرابباسى قاتارلىق ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار ۋە ئۆزگىچە تېتىتقۇلار بىلەن تەمىنلىدىم. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن قىشتا، ئائىلىمىز 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، 30 نەچچە مىڭ يۈەن پايدا ئالدۇق. بۇ يىل مەن ئائىلىۋى ياتاق ئېچىپ كىرىمىمنى بىر قاتلايمەن.» ئېرلان مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قىش كىرسە كەنتتىكىلەر ئۆيىدە بىكار ئولتۇراتتى. «بېيىشتا يەنە تىرىشچانلىقىمىزغا تايىنىشىمىز كېرەك، ھازىر ئائىلىدىكى ھەممىمىز ئائىلىۋى ياتاق ئېچىۋاتىمىز، كۆلەم ئېشىپ، ئائىلىمىزنىڭ ئائىلىۋى ياتاقلىرىنىڭمۇ نامى چىقتى!»

  «پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ بىزگە كۆپ ياردىمى بولدى، بىز پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلار كېلىپ سەپەرۋەر قىلدى، مەن ئىشنى ئاۋۋال باشلىدىم، بىز ئالدىدا ئىش باشلىغان بىر نەچچە ئائىلە پايدا ئالدۇق ھەم ئۈلگىگە ئايلاندۇق، بۇ يىل ئائىلىۋى ياتاق ئاچىدىغان كەنت ئاھالىلىرى تېخىمۇ كۆپەيدى» دېدى ئېرلان.

   كەنتكە قايتىپ بەخت ناخشىسىنى ياڭرىتىش

  1989- يىلى تۇغۇلغان يىگىت ئەلپەر بىموللانىڭ ئاۋازى تۇغما ياخشى بولۇپ، كىچىكىدىنلا كەنتتىكى بالا چولپان ئىدى، ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىمۇ يەنە كۆكتوقاي بازىرىدىكى كىچىك ناخشا چولپىنى ئىدى، كېيىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «يېقىملىق ئاۋاز» ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى چولپانغا ئايلاندى.

  «مەن ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرىمەن، ناخشا ئېيتىشقا تايىنىپ بىر ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم، ئاپتوموبىلىمنى ھەيدەپ ھەممە يەرنى ئايلىنىپ يۈرىمەن، قەيەر مېنى ناخشا ئېيتىشقا چاقىرسا، شۇ يەرگە بارىمەن» دېدى ئەلپەر خۇشال ھالدا.

  «2018- يىلى كەنتتە قىشلىق ساياھەت يولغا قويۇلدى، كەنتىمىز قىشلىق ساياھەتتە <چوقۇم بارىدىغان> قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى». ئەلپەر مۇنداق دېدى: «مەن قايتىپ كەلدىم، مەن كەنتىمىزگە ساياھەتكە كەلگەنلەرگە ناخشامغا جور بولۇپ <قارا جورغا> ئۇسسۇلى ئويناش خۇشاللىقى ئاتا قىلىمەن، تاراتى كەنتىگە كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە قىزغىنلىقىمىزنى ھېس قىلدۇرىمەن، ئۇلارنى مۇزىكا، ناخشا - ئۇسسۇللىرىمىزغا سىڭدۈرۈپ، ئۇلارغا بىزنىڭ خاس مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزنى چۈشەندۈرىمەن، بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم. شۇڭا، مەن كەنتكە قايتىپ ناخشا ئېيتىپ ئۆزۈمنى تېخىمۇ بەختلىك ھېس قىلدىم».

   كەنت ئاھالىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش بۇرچ

  كۆكتوقاي مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى كان گېئولوگىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى جېڭ دۇڭچيەن تاراتى كەنتىگە كەلگەندىن كېيىن ئىزچىل ئارام ئالمىدى، ھەر كۈنى ئىنتايىن ئالدىراش ئۆتتى.

  بۇ بىر قانچە يىلدا، خىزمەت ئەترىتى كەنت قىياپىتىنى تۈزىدى، ئۆزگەرتتى، ھەممە ئائىلىلەرگە تۇرۇبا سۈيى يەتكۈزدى، ھەممە ئائىلىلەرگە تازىلىق ئۆيى سېلىپ بەردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلىسىدا ئادەم بىلەن چارۋا ماللارنى ئايرىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ كەنت يوللىرىنى تۈزلىدى، كەنت قىياپىتىنى پاكىز، رەتلىك قىلدى، يەنە ئۆزگىچە كەنت كېچىلىك مەنزىرە چىرىغى ئورناتتى ۋە مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى ياسىدى. يەنە كەنتكە قار تازىلاش ئۈسكۈنىسى ئېلىپ بېرىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھە مۇلازىمىتى كاپالىتىنى ياخشى قىلدى.

  خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ ئائىلىۋى ياتاق ساياھەت مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا سەپەرۋەر قىلدى، يېتەكلىدى. ئۇلار كەنت ئاھالىلىرىنى قۇم كەنتىگە ئېكسكۇرسىيەگە، ئۆگىنىشكە ئاپاردى؛ كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ كەنتتە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ساياھەت مۇلازىمىتى ماھارىتى ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى؛ يەنە ئائىلىۋى ياتاق يوتقان - كۆرپىسى، ئاشخانا سايمانلىرى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىدى.

  جېڭ دۇڭچيەن مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ خىزمىتىمىز كەنت ئاھالىلىرىگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، قىيىنچىلىقى بار كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىش، بۇ، بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىز».

  «كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرى تاراتى كەنتىنىڭ قىش پەسلى ناھايىتى سوغۇق، شۇنداقلا ئىنتايىن گۈزەل، گۈزەللىكى كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ!»

  «ئېرتىش دەرياسىنىڭ مەنبەسىدىكى كەنتىمىزگە كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز، تاراتى كەنتىدىكىلەر تەييارلىنىپ بولدى، مۇشۇ جايدا ساقلايمىز، مۇشۇ جايدا كۈتىمىز!» جېڭ دۇڭچيەن ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتىدىكى كادىرلار مۇخبىرغا خەۋەردە مۇشۇ ئىككى جۈملە سۆزنى يېزىشنى قايتا - قايتا تاپىلىدى.

  باھار كەلدى، ھەممە يەر گۈل - چېچەككە پۈركەندى، ئېرتىش دەرياسى مەنبەسىنىڭ سۇ ئېقىنى قارلىق تاغ - جىلغىلاردىن ئۆتۈپ تۆۋەنگە قاراپ ئاقتى، 748 كەنت ئاھالىسى «قارا جورغا» ئۇسسۇلى ئويناپ، بەخت ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ھاللىق كەنتكە تۇتىشىدىغان يولغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى