تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇشتا بولدى

چېن چۈەنگو، ۋاڭ جيەنجۈن، ليۇ نىڭ، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جيەنجۈن، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ليۇ نىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇشتا بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى، شىنجاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنا كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ساياھەت كەسپى، ئالىي جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

  4- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن، چىڭخەي ئۆلكىسى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە، شىنجاڭنى قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئۆلكىدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چىڭخەي خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش تۆت ئىستراتېگىيە»سىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «بىرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىككى يۇقىرى بولۇش»نى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى چىڭخەي روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل يېڭى چىڭخەي قۇرۇش مۇساپىسىدە پۇختا قەدەم تاشلىدى. بىز بۇنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شىنجاڭ بىلەن چىڭخەي قوشنا ھەمراھلار، ئىككى جاينىڭ ئالاقىسى قويۇق، مۇھەببىتى چوڭقۇر بولۇپ، ياخشى ھەمكارلىق ئەنئەنىسىگە، كۆپ جەھەتلەردە ئوخشاشلىقلارغا، ئورتاق تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە پۇرسىتىگە ئىگە، بۇ، بىزنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىزگە، ئورتاق ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا پۇختا ئاساس سالدى، كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلىدى. ئىككى جاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شىنجاڭ «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدۇ.

  ۋاڭ جيەنجۈن چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان چىڭخەينىڭ خىزمىتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بىلەن چىڭخەينىڭ يەرلىرى تۇتاش، تاغ - دەريالىرى تۇتاش، يوللىرى تۇتاش، تەرەققىياتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئادىمىيەت ئالاقىسى قويۇق، بۇرچى ئوخشاش. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش + 3 + 3 + 1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نۇقتىئىنەزەرنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. بىز شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەردىن خۇشال بولدۇق، ئىلھاملاندۇق، شىنجاڭ بارلىققا كەلتۈرگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ياخشى ئۇسۇللار، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى تەجرىبىلەر، ئېكولوگىيەنى قوغداشتىكى ياخشى تەدبىرلەر، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ياخشى پىكىر يوللىرى چىڭخەينىڭ ئەستايىدىل ئۆگىنىشى، ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.

  ۋاڭ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: كەسىپ ۋە تەقدىر بىزنى بىرلەشتۈردى، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت بىزنى بارغانسېرى يېقىنلاشتۇردى. ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ - چىڭخەي ئىككى جاي ئۆزئارا قوللاپ، بارىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق ھالدا مۇقىملىقنى قوغداپ، بېرىش - كېلىشكە تۈرتكە بولۇپ، قاتناشنى بەرپا قىلىپ، مېخانىزم ئورنىتىپ، ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. بىز «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، كەسىپلەر تەرەققىياتى، ئېنېرگىيە ساھەسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ - چىڭخەي ئىككى جاينى تېخىمۇ زىچ باغلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ، چىڭخەينىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئەبەدىي ئەمىنلىكى، ئىلمىي تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەختى جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  سۆھبەت يىغىنىدا، شۆھرەت زاكىر، ليۇ نىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭ، چىڭخەينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  چىڭخەي ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ شياۋ، ۋاڭ يۈبو، يۈ سۇڭلې، ليۇ تۇڭدې، ۋاڭ شياۋيۇڭ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.