تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاخبارات ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كېڭەش ئەزالىرى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاخبارات ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كېڭەش ئەزالىرى يىغىنى 4- ئاينىڭ 23- كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى جۇڭگودىن باشلانغان، پۇرسەت ۋە نەتىجە دۇنياغا مەنسۇپ. قاتناشقۇچى ھەرقايسى تەرەپلەر تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېشىل يول، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيلىك يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمراھلىق تورىنى ئورتاق بەرپا قىلىش جەريانىدا، تاراتقۇلار پائال ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئاخبارات ھەمكارلىق ئىتتىپاقى ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىنى قولايلىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى. كېڭەشكە ئەزا ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پىكىرلىشىشنى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، ئەل رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۆپرەك خىزمەت ئىشلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.