تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرى پائالىيىتىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 4- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار لى شۆيۇڭ، لى شۈەنلياڭ، مېي شىشيۇڭ) دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن چىڭداۋدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرى پائالىيىتىگە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسىگە ۋاكالىتەن، پائالىيەتكە قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دېڭىز - ئوكيان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دېڭىز - ئوكيان ھاياتلىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى، دۇنيانى تۇتاشتۇردى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى. بىز ئىنسانلار ماكانلاشقان بۇ كۆك پىلانېتا دېڭىز - ئوكيان ئارقىلىق يەككە ئاراللارغا بۆلۈۋېتىلمىگەن، بەلكى دېڭىز - ئوكيان ئارقىلىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ تۇتاشقان، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى تىنچلىقتىمۇ، خەۋپ - خەتەردىمۇ بىللە بولدى. دېڭىز - ئوكياننىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئامانلىقى ۋە مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئورتاق قوغداشقا، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە موھتاج. جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدۇ، تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىدۇ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ. جۇڭگو مۇداپىئە خاراكتېرىدىكى دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشىنى تىكلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو ئارمىيەسى باشتىن - ئاخىر ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باراۋەر، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى. دېڭىز ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ دېڭىز كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېڭىز - ئوكياننىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكى ۋە ياخشى تەرتىپىنى قوغداشتا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. كۆپچىلىك ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، دېڭىزدىكى سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان دېڭىز خەۋپسىزلىكى يولىدا مېڭىپ، دېڭىزدىكى تۈرلۈك ئورتاق تەھدىت ۋە خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ دېڭىز - ئوكياننىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قوغدىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە دېڭىز - ئوكياننى ۋاسىتە ۋە رىشتە قىلغان بازار، تېخنىكا، ئۇچۇر، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىق كۈنسايىن قويۇقلىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو 21- ئەسىردىكى دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا دېڭىزدىكى ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېڭىز - ئوكيان بەخت - سائادىتىنى ئورتاق كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلغان. جۇڭگو ئارمىيەسى ھەرقايسى دۆلەت ئارمىيەلىرى بىلەن بىللە، دېڭىز - ئوكياننىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز دېڭىز - ئوكيانغا ھاياتلىققا مۇئامىلە قىلغاندەك كۆيۈنۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى دېڭىز - ئوكياننى ئىدارە قىلىش مېخانىزمى ۋە ئالاقىدار قائىدىلەرنى تۈزۈش ۋە ئۇنى يولغا قويۇشقا ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، دېڭىز - ئوكياننىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دېڭىز - ئوكيان مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى سىجىل كۈچەيتىپ، دېڭىز - ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، دېڭىز - ئوكيان بايلىقىنى تەرتىپلىك ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەۋلادلارغا كۆپكۆك دېڭىز، كۆپكۆك ئاسمان قالدۇرىدۇ. جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى ئىلگىرىدىكىدەكلا ھەرقايسى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارالىق مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، خەلقئارا سۇ يولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ دېڭىز ئاممىۋى بىخەتەرلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كۆڭلى - كۆكسى دېڭىزدەك كەڭ بولۇش، ھەممىنى سىغدۇرۇش كېرەك. دۆلەتلەر ئارا ئىشلارنى كۆپرەك كېڭىشىش، بار مەسلىھەت ئىش قىلىش كېرەك، ھە دېسىلا قورال كۈچىگە مۇراجىئەت قىلىشقا ياكى قورال كۈچى ئارقىلىق ئۆزئارا تەھدىت سېلىشقا بولمايدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر جەزمەن باراۋەر كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، كىرىزىس ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دېڭىزغا چېتىشلىق ئىختىلاپنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بۇ قېتىمقى كۆپ دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرى پائالىيىتىدە، «دېڭىز - ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىنغان يۇقىرى قاتلام مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز - ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا ئەقىل - پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تايلاند دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سىلىڭى، دېڭىز ئارمىيەسى شاڭجياڭى لې سەي جۇڭگوغا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرى پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرىغا ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈشكەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دېڭىز - ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتلەردە پائال تۆھپە قوشقانلىقى ۋە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، دېڭىز - ئوكيان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ۋە تەشەببۇسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېڭىز - ئوكياننىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداشقا دەۋر تۆھپىسى قوشىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.

  كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كۆپ دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرى پائالىيىتىگە قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شۈ چىلياڭ، دىڭ شۆشياڭ، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە ھەمراھ بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.