تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش دېڭىز ھەربىي پاراتى پائالىيىتىگە قاتناشتى

4- ئاينىڭ 23- كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش دېڭىز ھەربىي پاراتى پائالىيىتىگە قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ھەربىي پاراخوت سېپىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
( شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)
4- ئاينىڭ 23- كۈنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش دېڭىز ھەربىي پاراتى پائالىيىتىگە قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چىڭداۋ، 4- ئاينىڭ 23- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار لى شۆيۇڭ، لى شۈەنلياڭ، مېي شىشيۇڭ) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 23- كۈنى چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش دېڭىز ھەربىي پاراتى پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  چىڭداۋ ئارىلى قويۇق باھار تۈسىگە كىرگەنىدى، خۇاڭخەي دېڭىزىدا باھار دولقۇنى مەۋج ئۇراتتى. چىڭداۋ ئولىمپىك يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى مەركىزى پىرىستانىدا، پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان شىنىڭ ناملىق ھەربىي پاراخوتقا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالىي مۇراسىم قائىدىسى بويىچە دۆلەت بايراقلىرى ۋە ئارمىيە بايراقلىرى ئېسىلغان بولۇپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، 1- ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىقى شامالدا جەۋلان قىلاتتى. 61 دۆلەتتىن كەلگەن دېڭىز ئارمىيەسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى كۆرەك پاراخوتىغا جەم بولۇپ، خۇشاللىق پەيتلىرىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى ئورتاق كۈتمەكتە ئىدى.

  سائەت 12دىن 40 مىنۇت ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ چىڭداۋ ئولىمپىك يەلكەنلىك كېمە مۇسابىقىسى مەركىزى پىرىستانىغا يېتىپ كەلدى. تەنتەنىلىك مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ دېڭىز ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاندىن كۆرەك پاراخوتىغا چىقتى.

  سائەت 13 ئەتراپىدا، كۆرەك پاراخوتى گۈدۈك چېلىپ يولغا چىقىپ، ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان دېڭىز تەۋەسىگە قاراپ ماڭدى.

  شۇ پەيتتە، خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 32 ئۇرۇش پاراخوتى ھەيۋەتلىك سەپ تۈزگەنىدى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۇچۇشقا تەييارلانغانىدى، يىراق دېڭىز - ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن 13 دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 18 ھەربىي پاراخوتى رەتلىك سەپكە تىزىلغانىدى.

  سائەت 14تىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا، كۆرەك پاراخوتى بەلگىلەنگەن دېڭىز تەۋەسىگە يېتىپ كەلدى. دېڭىز ئارمىيەسى سىلىڭيۈەنى شېن جىنلۇڭ پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىمنىڭ تەييارلىقىنىڭ پۈتكەنلىكىنى دوكلات قىلدى، شى جىنپىڭ پاراتنى باشلاش بۇيرۇقى بەردى. جۇشقۇن «پارات مارشى» دېڭىزدا ياڭرىدى.

  پاراتتىن ئۆتىدىغان ھەربىي پاراخوتلار چۆكمە پاراخوتلار توپى، قوغلىغۇچى پاراخوتلار توپى، قوغدىغۇچى پاراخوتلار توپى، قۇرۇقلۇققا چىققۇچى پاراخوتلار توپى، ياردەمچى پاراخوتلار توپى، ئاۋىياماتكا توپىغا ئايرىلىپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ كەلدى. پاراتتىن ئۆتىدىغان ئايروپىلانلار ھاۋا بوشلۇقىدا گۈركىرەپ ئۇچتى.

  دېڭىز دولقۇنى مەۋج ئۇردى، پاراخوتلار دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى. 1949- يىلى 4- ئاينىڭ 23- كۈنى جياڭسۇ تەيجوۋ بەيمامياۋدىن يولغا چىققاندىن بۇيان، خەلق دېڭىز ئارمىيەسى پارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يول بويى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، خەۋپسىزلىكىنى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك قوغدىيالايدىغان دېڭىز قوراللىق كۈچىگە ئايلاندى.

  پاراتتىن ئۆتىدىغان ھەربىي پاراخوتلار كۆرەك پاراخوتى ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇزاق چېلىنغان گۈدۈك ئاۋازى بىلەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر رەتلىك تىزىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى. «يولداشلار ياخشىمۇسىلەر!» «رەئىس ياخشىمۇسىز!» «يولداشلار جاپا چەكتىڭلار!» «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز!» ھەربىي مۇزىكىنىڭ تەڭكىشى، دولقۇن ئاۋازىنىڭ جور بولۇشىدا، شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ جاراڭلىق جاۋابى بىلەن بىرلىشىپ ياڭرىدى، باش قوماندان بىلەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ قەلبى زىچ باغلاندى.

  يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە. شى جىنپىڭ خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كۆپ قېتىم دېڭىز ئارمىيەسى قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، «تىرىشىپ خەلق دېڭىز ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز ئارمىيەسى قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى» دەپ چاقىرىق قىلدى. خەلق دېڭىز ئارمىيەسى يېپيېڭى قىياپەت بىلەن داغدام قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلەپ، ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىنتىلدى.

  سائەت 15 ئەتراپىدا، كۆرەك پاراخوتى يۈرۈش يۆنىلىشىنى تەڭشەپ، تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا كەلگەن زىيارەت ھەربىي پاراخوتلىرى سېپىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

  خەلقئارا ھەربىي پاراخوتلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش دېڭىز ئارمىيەسىدىن ئىبارەت بۇ خەلقئارالىق ئارمىيە تۈرىنىڭ ئالاھىدە بولغان دېڭىز ئۈستى مۇراسىم پائالىيىتى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشىدىكى بىر خىل ئالاھىدە شەكىل.

  رۇسىيە، تايلاند، ۋىيېتنام، ھىندىستان، ياپونىيە، فىلىپپىن، باڭلادىش، بىرۇنېي، كورېيە، سىنگاپور، ئاۋسترالىيە، مالايسىيا، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى دۆلەت بايراقلىرى ۋە ئارمىيە بايراقلىرىنى ئېسىپ، ئۇرۇش پاراخوتى، ياردەمچى پاراخوت تەرتىپى بويىچە، تونناژىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بويىچە رەتكە تىزىلىپ، تەرتىپ بويىچە كۆرەك پاراخوتى ئالدىدىن ئۆتتى.

  شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىگە قول ئىشارىسى بىلەن ھۆرمەت بىلدۈردى. ھەرقايسى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەلىرى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى كۆرەك پاراخوتىنىڭ ئارقا پالوباسىدا ئولتۇرۇپ مۇراسىمنى كۆردى.

  سائەت 15تىن 30 مىنۇت ئەتراپىدا، «دوستلۇق مەڭگۈلۈك» دېگەن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، خەلق دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش دېڭىز ھەربىي پاراتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

  شۈ چىلياڭ، دىڭ شۆشياڭ، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.