تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭدا ئىككى قېتىم كۆرۈنەرلىك ھۆل-يېغىنلىق، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

(ماتېرىيال سۈرەت)

   مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ھاۋارايى ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە پۈتۈن شىنجاڭدا ئىككى قېتىم كۆرۈنەرلىك ھۆل-يېغىنلىق، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

  شىنجاڭ ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى دۇ شىنيىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاقىت جەھەتتىن قارىغاندا، ئىككى قېتىملىق ھاۋارايى ئۆزگىرىشى «كۈچ ئۇلاش» شەكلىدە كۆرۈلۈپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى كىشىلەرگە «ئىللىق، راھەت»تىن «يامغۇردىن كېيىنكى سوغۇق»نى ھېس قىلدۇرىدىكەن.

  4-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەردىن 26-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربىي ۋە شىمالىي قىسمى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئازراق ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كۆپ قىسىم رايونلاردا بەش بالدىن ئالتە بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇم-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ℃8-℃5قىچە تۆۋەنلەيدىكەن.

  4-ئاينىڭ 27-كۈنى كۈندۈزدىن 28-كۈنى كېچىگىچە، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايون، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايون، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كۆپ قىسىم رايونلاردا بەش بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىپ، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى توققۇز بالغا يېتىپ، تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن.

  4-ئاينىڭ 23-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھاۋارايى ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۆلچەرلىنىشىچە 4-ئاينىڭ 25-، 26-ۋە 28-كۈنلىرى ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئۇدا ئىككى قېتىم كۆرۈنەرلىك ھۆل-يېغىنلىق، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. 4-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 26-كۈنى كۈندۈزگىچە ئۈرۈمچىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونى، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن. جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلاردا قاتتىق يامغۇر قار ئارىلاش يامغۇرغا ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن، قىسمەن جايلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاشىدىكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا تۆت بال غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىپ، داۋانچىڭ رايونىدا ئارزاق يامغۇر يېغىپ ئوتتۇراھال يامغۇرغا كۈچىيىپ بەش بال غەرب شامىلى چىقىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 28-كۈنى مەركىزىي شەھەر رايونى، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونى ۋە تاغلىق رايونلاردا ئازراق يامغۇر يېغىپ كېيىن ئوتتۇراھال قارغا ئۆزگىرىدىكەن. قىسمەن جايلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاشىدىكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا تۆت بال غەربىي شىمال  ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىپ، داۋانچىڭ رايونىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ 6~5 بال غەرب شامىلى چىقىدىكەن.

  2-قېتىملىق ھۆل-يېغىنلىق ھاۋارايى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، 4-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونى، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى ۋە داۋانچىڭ رايونىنىڭ كۈندىلىك ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃3 ئەتراپىدا بولۇپ، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونى ۋە تاغلىق رايوننىڭ كۈندىلىك ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃3- ئەتراپىدا بولىدىكەن.

  ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى