تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

【مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش】 ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنى كادىرلىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆچەت تىكىپ يېڭى يېشىللىق بەرپا قىلدى

4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى كۆچەت تىكىش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنى كادىرى ليۇ جىدې (سولدا) قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئارسلان لىتىپ بىلەن بىللە كۆچەت تىكمەكتە.

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى شى لىشا، جياڭ شياۋ فوتوسى، خەۋىرى): كۆچەت ئورىكى كولاپ، تاش ئۇۋاقلىرىنى تېرىۋېتىپ، كۆچەت سېلىش، يېڭى توپا تولدۇرۇپ، سۇغىرىش... 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ كادىرلىرى ۋە قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بولۇپ، 80گە يېقىن كىشى يامالىق تېغىدا ئەتىياز پەسىللىك مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىنىڭ كادىرى ليۇ جىدې قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئارسلان لىتىپ بىلەن بىرى تاشئالما كۆچىتىنى تۇتۇپ بەرسە، بىرى توپا سېلىپ، ئىش تەقسىماتىنى ئېنىق قىلىپ، ئۆزئارا ناھايىتى ياخشى ماسلاشتى.

  ئارسلان لىتىپ مۇنداق دېدى: 2016-يىلى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن بۇيان، بىز ئىككىمىز بىرلىكتە كۆپ قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتناشتۇق، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگىلا ئىككى قېتىم قاتناشتۇق. بۇلتۇر كۈزلۈك كۆكەرتىش ۋاقتىدا، بىز يەننەنخۇاڭ تېغىدا تىككەن كۆچەتلەر بۇ پەسىلدە بىخ چىقىرىپمۇ قالدى.

  خۇڭسەن، شۈيتاشەن، جىجۇشەن، يەننەنخۇاڭ تېغىغىچە، يەنە بۈگۈنكى يامالىق تېغىغىچە، ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ليۇ جىدې ئىلگىرى كۆپ قېتىم قاقاس تاغلارنى كۆكەرتىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ئىدى.

  ئۇ بىر تەرەپتىن ئىش قىلغاچ، بىر تەرەپتىن ئارسلان لىتىپقا مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدىن ھازىرغىچە، ئاساسەن ھەر يىلى مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتىمەن، بىز توپا يۈدۈپ خۇڭسەنگە ئېلىپ چىقىپ تىككەن كۆچەتلەر چوڭ دەرەخلەرگە ئايلاندى، 50 يىلدىن بۇيان ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەر كۈچ ئۇلاپ، نۇرغۇن قاقاس تاغلارنى چەكسىز ئورمانغا ئايلاندۇردى، بولۇپمۇ بۇ بىر قانچە يىلدا، «تاغلارنى كۆكەرتىش»نىڭ سالمىقى يىلدىن يىلغا زورايتىلدى...

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى