تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۇچا ناھىيەسىدە بۆلجۈرگەن ئۈزۈش بېغى ئىستىراھەت ساياھىتىدىكى «ئالتۇن لاپاس»قا ئايلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ جەنكې، ليۇ يۈنتاۋ فوتوسى، خەۋىرى): 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، جاڭ چياۋيىڭنىڭ بۆلجۈرگەن ئۈزۈش بېغىغا كىرگەندە، قاتار-قاتار بۆلجۈرگەنلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى شاتلاندۇراتتى، پارنىكنىڭ ئىچى بىر خىل خۇشبۇي ھىدىغا تولغان بولۇپ، بۆلجۈرگەن ئۈزۈپ ئىستىراھەت قىلغىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، شۇنداقلا بۆلجۈرگەن تېرىغۇچىنىڭ ھەميانى تومپايدى.

  2018-يىلنىڭ يىل ئاخىرىدا، ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيەلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ كۇچا ناھىيەسى ئۇزۇن بازىرى تاغچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئائىلە زىيارىتى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىسى جاڭ چياۋيىڭنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق كىرىمىدىن چىقىمىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئاساسەن ھېچنېمە قالمايدىغانلىقىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇزۇن بازىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا بۆلجۈرگەن تېرىش تەكلىپىنى بەردى. بۆلجۈرگەن پىشقاندىن كېيىن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بۇنى دوستلار چەمبىرىكىگە كەڭ تارقىتىپ، ئۇنىڭ بۆلجۈرگەنلىرىگە خالىس تەشۋىقاتچى بولۇپ، زور بىر تۈركۈم شەھەر ئاھالىلىرىنى كېلىپ ئىستىراھەت قىلغاچ بۆلجۈرگەن ئۈزۈشكە جەلپ قىلدى.

  «ئۇزۇن بازىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، قاتنىشى قولايلىق، بۆلجۈرگەن ئۈزۈش بېغى ئىستىراھەت ساياھىتىدىكى ‹ئالتۇن لاپاس› بولۇپ قالدى» دېدى كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇڭيىڭ.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى