تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۆكتوقاي: «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇدۇقى» لىنىيەنى بويلاپ يايلاق كۆچىدىغان چارۋىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز: كۆكتوقاي ناھىيەسى قىزىل شىلىك يېزىسى قارا جىگىت كەنتىنىڭ جەنۇبىدىكى باياۋاننى شۇ جايدىكىلەر ئەتىياز، كۈزلۈك يايلاق، دەپ ئاتىشاتتى، قارا جىگىت كەنتىدىكى 160 دىن ئارتۇق ئاھالە، 600 دىن ئارتۇق نوپۇس ۋە 509 مىڭ تۇياققا يېقىن چارۋا مال ھەر يىلى يايلاق كۆچۈش جەريانىدا مۇشۇ جايدىن ئۆتەتتى. جەنۇبىي باياۋاننىڭ ئۆپچۆرىسىدىكى 100 كىۋادرات كىلومېتىرغا يېقىن جايدا مۇقىم سۇ مەنبەسى بولمىغاچقا، ھەر يىلى يايلاق كۆچۈش جەريانىدا چارۋىچىلار ۋە چارۋا-ماللارنىڭ سۇ ئىچىشى ئىنتايىن تەسكە چۈشەتتى. 

   ئالتاي تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كۆكتوقاي ناھىيەسى قىزىل شىلىك يېزىسى قارا جىگىت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، چارۋىچىلار ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، سۇ ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ مۇتەخەسىسلىرىنى نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى ھەمدە ئاكتىپلىق بىلەن ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، سۇ ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، چارۋىچىلار كۆچۈشتىن بۇرۇن قۇدۇق قېزىش ئەترىتىنى تەشكىللەپ، يېرىم ئايدا چارۋا ماللارنى سۇغىرىدىغان نور ياساپ چىقىپ، چارۋىچىلار ۋە مال-چارۋىلارنىڭ يايلاق كۆچكەندە سۇ يوق بولۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلدى.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جېڭىسقان توختاقان مۇنداق دېدى: «ئۆزىمىز 80 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، 120 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىن  ئىچىكىلى بولىدىغان سۇ تېپىپ چىقىپ، «ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇدۇقى» دىن بىرنى قېزىپ، يايلاق كۆچۈش جەريانىدىكى چارۋىچىلار ۋە چارۋا ماللارنىڭ سۇ ئىچىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق، ھازىر چارۋىچىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى كاپالەتلەندۈرۈلدى، چارۋىلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى ئاشتى، بۇنىڭ بىلەن ئاز بولمىغان چارۋىچىلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىمۇ ئاشتى». (ماقالىنى ئالتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنىتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن نۇرلاش سىلاش ، ۋەن ۋېي تەمىنلىگەن.)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش