تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

چېن لاۋچى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى دەۋر ئىزنالىرى

4- ئاينىڭ 22- كۈنى، شاۋ سەيفۇ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمەكتە. مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسىدىكى چېن لاۋچى باشلانغۇچ مەكتىپى 1955- يىلى قۇرۇلغان. ھازىر 17 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىسى بار.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، چىن مېيخۇا، لۈ يىخەن، سۇ شۈەنمىڭ

       «بوستان سۆگەت كۆكنى قۇچقان مەرمەر تاشتىن ئويۇلغاندەك، مەجنۇن تاللار جەۋلان قىلۇر مەشۇت لېنتا ئوينىغاندەك...» 4- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9، بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇغان جاراڭلىق ئاۋازى مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسىدىكى چېن لاۋچى باشلانغۇچ مەكتىپىدىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

  مائارىپ گۈللەنسە يېزا - كەنتلەر گۈللىنىدۇ. بىر قەۋەتلىك سىنىپلار، توپىلىق مەيداندىن زامانىۋى ئوقۇتۇش شارائىتىغا ئىگە بولغۇچە، چېن لاۋچى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ھەربىر تال خىش - كاھىشى، ھەربىر تال گۈل - گىياھىغا يېزا - كەنت مائارىپى تەرەققىياتىنىڭ دەۋر ئىزنالىرى بېسىلغان.

   ئابدۇرېشىتنىڭ ئىزچىللىقى

  1984- يىلى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئابدۇرېشىت ياسىن چېن لاۋچى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولدى.

  «مۇئەللىم ياخشىمۇسىز!» ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاراڭلىق سالىمىغا خۇشاللىق سىڭگەنىدى. «ياخشىمۇسىلەر، بۈگۈندىن باشلاپ مەن سىلەرنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىڭلار!»

  گەرچە ئوقۇتقۇچى بولسىمۇ، ئەمما ئابدۇرېشىتنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى.

  مەكتەپنىڭ قورۇق تېمى يوق، دەل - دەرەخلەرمۇ يوق ئىدى، سىنىپلىرى كېسەك بىلەن سېلىنغان كونا ئۆيلەر ئىدى. ئەتىياز، ياز پەسلىدە، شامال دائىم سىنىپقا توپا - توزانلارنى ئۇچۇرۇپ كىرەتتى. ھەر قېتىم مۇشۇ مەزگىل يېتىپ كەلگەندە، ئابدۇرېشىت سىنىپقا بالدۇر كېلىپ، بالىلارغا پاكىز ئۆگىنىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، پارتا - ئورۇندۇقلارنى بىر باشتىن سۈرتۈپ چىقاتتى.

  قىش پەسلىدە، سىنىپ ئىچى قاتتىق مۇزلاپ كېتىدىغان بولغاچقا، مەشكە ئوت قالاشقا توغرا كېلەتتى. «مەش بەك ئىسسىتالمىغاچقا، قاتتىق سوغۇق بولغان چاغلاردا، دەرس ۋاقتىدا بىر دەم دەرسنى توختىتىپ، كۆپچىلىكنى قوللىرىنى ئۇۋۇلاپ، پۇتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، بەدىنىنى ئىسسىتىۋېلىشقا تەشكىللەيتتىم» دېدى ئابدۇرېشىت.

  ئابدۇرېشىتنىڭ ئۆيى مەكتەپكە خېلى يېقىن ئىدى، چۈشلۈك دەم ئېلىشتا ئۇ ئۆيىگە قايتىپ تاماق يەيتتى. بىر قېتىم خىزمەت ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە، ئۇ چۈشتە مەكتەپتە قېلىپ، ئۆيى يىراق بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوغچىسىدىن قۇرۇق نانلىرىنى چىقىرىپ، سۇغا تەگكۈزۈپ يەۋاتقانلىقىنى كۆردى...

  بۇ مەنزىرە ئۇنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇردى، ئابدۇرېشىت گويا ئۆزىنىڭ كىچىك چاغلىرىنى كۆرگەندەك بولدى. ئابدۇرېشىت شۇ كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن، خوتۇنىغا بۇنىڭدىن كېيىن چۈشلۈك تاماقنى ئىمكانقەدەر كۆپرەك ئېتىشنى ئالايىتەن تاپىلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۆيى يىراق بالىلار ئىسسىق تاماق يېيەلەيدىغان بولدى.

  ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە مەسىلە ھېسابلانمايدۇ، ئابدۇرېشىتنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى يەنىلا كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئىدى. «پۇتۇڭخۇانى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار بەك ئاز، ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ ئاز.» ئۇ مۇنداق دېدى: مۇزىكا دەرسى، گۈزەل سەنئەت دەرسى، تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى كەمچىل».

  باھار كېتىپ كۈز كەلدى، ياز ئۇزاپ قىش كەلدى. ئابدۇرېشىت ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىدە ئۇدا 35 يىل تۇردى. كۈنلەر بىر - بىرىگە ئۇلىشىپ، ئۆتكەن ئىشلار خۇددى كىنو لېنتىسىدەك ئۇنىڭ خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالدى.

  ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزى دەرس بېرىدىغان بۇ كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىگە ئەگىشىپ، قانداق غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.

   شاۋ سەيفۇنىڭ نەزەرىدىكى «يىراق جاي»

  2018- يىلى 5- ئاينىڭ 7- كۈنى، شاۋ سەيفۇ بىلەن قىز دوستى سۇڭ جۈنچى يۈك - تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ، چېن لاۋچى باشلانغۇچ مەكتىپىگە كەلگەن شۇ پەيتتە، ئۇلار ئۆزلىرىنى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھېس قىلغانىدى.

  شاۋ سەيفۇ بىلەن سۇڭ جۈنچى ھەر ئىككىسى گۈيجوۋلۇق، داشۆدىكى ۋاقتىدا، شاۋ سەيفۇ شىئەندە ئوقۇغان، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ۋەتەننىڭ «چوڭ غەربىي شىمال»ىغا كېلىشى ئىدى. يۇرتىدىكى گۈزەل تاغ - دەريالارغا ئوخشىمايدىغان ھەيۋەتلىك باياۋان، غەربىي جەنۇب رايونىنىڭكىدىن پەرقلىق بولغان ئادىمىيەت ئۆرپ - ئادەتلىرى ئۇنى مەپتۇن قىلىۋالغانىدى. ئۇ كۆڭلىدە، ۋەتەننىڭ تېخىمۇ غەرب تەرىپى قانداقتۇ؟ شىنجاڭ قانداقتۇ؟ دەپ ئويلىغانىدى.

  داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان شاۋ سەيفۇنىڭ كۆڭلىدە قىزىقىش پەيدا بولدى، لېكىن يەنە قىز دوستى بىلەن ئىككى جايدا ئايرىلىپ تۇرۇۋېرىشنى خالىمايتتى.

  «مەن سىز بىلەن بىللە باراي» قىز دوستىنىڭ قوللىشى بىلەن شاۋ سەيفۇنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى. گۈيجوۋغا قايتىپ قىز دوستى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقتى. «مېنىڭ ئويلىغىنىم بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن، مۆلچەرىمدىكىدىن خېلىلا ياخشى ئىكەن.» مەكتەپكە بارىدىغان يولدا ياپيېشىل مەجنۇنتاللار شامالدا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن؛ گۈللۈكتە ھەرخىل رەڭدار گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان؛ ئوقۇغۇچىلار يورۇق، پاكىز سىنىپلاردا ئولتۇرۇپ دەرس ئوقۇۋاتقانىدى... مەكتەپ ئىچىگە نەزەر سالغان ئىككىيلەن سەپەردىكى ھارغىنلىقنى ئۇنتۇدى.

  ۋاقىت تۇيدۇرماستىنلا ئۆتۈپ كەتتى، شاۋ سەيفۇ بىلەن قىز دوستى ئاللىقاچان بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىشىپ كەتتى. سەبىيلەرنىڭ چۈچۈك تىلدا «شاۋ مۇئەللىم، سۇڭ مۇئەللىم» دەپ چاقىرىشلىرىدىن ئۇلار ئۆز قەدىر - قىممىتىنى تاپقانىدى. «ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىدىكى ئاددىي سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز بىلەن پۈتۈنلەي راۋان پاراڭلىشالايدىغان بولغانلىقىنى كۆرگىنىمدە، تۆلىگەن بارلىق بەدەللىرىمنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى شاۋ سەيفۇ پەخىرلەنگەن ھالدا.

  بۇلتۇر 10- ئايدا، شاۋ سەيفۇ، سۇڭ جۈنچىدىن ئىبارەت چېگرادا يىلتىز تارتقان بۇ بىر جۈپ ئاساسىي قاتلام مائارىپچىلىرى رەسمىي ئەر - خوتۇن بولۇپ، گۇيجوۋدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. توي كۈنى، چېن لاۋچى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر، ئۈندىدار قاتارلىق شەكىللەردە ئۇلارنى قۇتلۇقلىدى. «بەلكىم پېشانەمگە پۈتۈلگەن بولسا كېرەك، يىراقتا ھەمىشە مېنى سېغىنىدىغان كىشىلىرىم بار.» تويدىن كېيىن، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ئالدىراپ مەكتەپكە قايتىپ كەلدى.

  يەنە بىر قېتىم يۇرتىدىن مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندە، شاۋ سەيفۇ تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغان خوتۇنىغا، يەنە خۇشال - خۇراملىق ئىچىدە كۈتۈۋېلىشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ، ئىككى «يىراق جاي» ئاخىر بىر - بىرىگە يېقىن كېلىپ قالغاندەك بولۇپ، ئۆز ھاياتىنىڭ بەختكە تولغانلىقىنى ھېس قىلدى.

   ئابدۇشۈكۈرنىڭ ئارزۇسى

  ئادەمدىن ئۆتۈش، سەكرەش، توپ ئېتىش، «شارت» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ۋاسكېتبول گارغا چۈشتى. چېن لاۋچى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تەنتەربىيە دەرسىدە، ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ھېچكىم تەڭ كېلەلمەيدىغان «چولپان توپچى».

  «جىرىڭ - جىرىڭ...» چۈشلۈك دەرستىن چۈشۈش قوڭغىرىقى چېلىندى، ئەمما توپ ئويناشقا كىرىشىپ كەتكەن ئابدۇشۈكۈر يەنىلا داۋاملىق گارغا توپ ئېتىشنى مەشىق قىلىۋەردى.

  ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىتنىڭ كەنجى ئوغلى بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ دادىسى ئۇنىڭغا مەكتەپتىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەتتى.

  «بىز ئوقۇغان چاغدا، ئىككى قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى، سېمونت مەيدان، ۋاسكېتبول گارى، تىكتاك توپ ئۈستىلىنىڭ ھېچقايسىسى يوق ئىدى، شاۋ مۇئەللىممۇ تېخى كەلمىگەنىدى.» ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: «ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسى بار بولدى. سىلەر راستتىنلا ئىنتايىن بەختلىك، ياخشى ئوقۇڭلار.» بۈگۈنكى كۈندە، كەنتتىكى ئەڭ چىرايلىق ئۆي مەكتەپ بىناسى، مۇھىتى ئەڭ گۈزەل يەر مەكتەپ، مەدەنىيەت ھىدى ئەڭ قويۇق بولغىنى مەكتەپ. «بىزنىڭ مەكتەپتە ھازىر 11 ئوقۇتقۇچى بار، توققۇزى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەرس تۈرلىرى يەنىمۇ كۆپەيتىلدى، بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.» چېن لاۋچى باشلانغۇچ مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابلىكىم ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: «مەكتەپ يەنە ئۇچۇرلاشقان كۆپ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىش دەۋرىگە كىردى، ھەرخىل ئەسلىھەلەر تولۇقلاندى، شەھەردىكى مەكتەپلەردە بار نەرسىلەر كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىمۇ بار بولدى».

  ئابدۇشۈكۈر ئۈچۈن ئېيتقاندا، دادىسى كۆپ يىل خىزمەت قىلغان بۇ مەكتەپ ئۇنىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قەدەم ئالىدىغان جايى بولۇپ قالدى. «مەن كەلگۈسىدە ئىمتىھان بېرىپ بېيجىڭ تەنتەربىيە داشۆسىدە ئوقۇيمەن» ئابدۇشۈكۈرنىڭ سەبىي چىرايىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى چىقىپ تۇراتتى، «دادام تەنتەربىيە كەسپىگە ئىمتىھان بەرگەندە، مەدەنىيەت دەرسلىرىدىمۇ ئوخشاشلا ئەلاچى بولۇش كېرەك دېدى. ئۇ پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىسام خاتالاشمايمەن! مەن تېخىمۇ تىرىشىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى