تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان تىيانشان»غا ھۆسن قوشتى

ـــ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغانلىقى توغرىسىدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىز

4- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى فۇشوۋ كوچىسىدىكى مەھەللە كادىرلىرى تەۋەلىك رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى كۇتۇپخانىدا كىتاب ئوقۇشقا تەشكىللىدى.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

4- ئاينىڭ 21- كۈنى، باي ناھىيەلىك كۇتۇپخانا 4- باشلانغۇچ مەكتەپ، ئىتتىپاق باشلانغۇچ مەكتىپى بىلەن بىرلىشىپ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. سۈرەتتە: ئامما كىتاب ئوقۇماقتا.

(ۋېي بەينىڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گاۋ فاڭ، چېن چېن، جاڭ تىڭ

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى چېڭ شىلىن، جۇڭ چۇنچۇن، ۋاڭ يىڭ، دۇەن جياڭشى، زېڭ شياۋفېڭ، جياڭ جيې

  4- ئاينىڭ 23- كۈنى 24- قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى. نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش · كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان تىيانشان» باش تېمىسىدىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت كىتاب ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى كەينى - كەينىدىن قانات يايدۇرۇپ، «كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈش، ياخشى كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولۇش»تەك ياخشى مەدەنىيەت كەيپىياتىنى ياراتتى.

   ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇپ ساپانى ئۆستۈرۈش

  4- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان «كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىش گۈزەل تۇرمۇشقا تۇتاشتۇرۇش» ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى، پائالىيەتتە ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش تەشەببۇس قىلىنىپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئۈنلۈك ئوقۇش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشقا تونۇشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ۋىلايەت يەنە «باش شۇجىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇش، باش شۇجى ئوقۇغان كىتابلارنى ئوقۇش» باش تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش يۈرۈشلۈك ئوقۇش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەر مىللەت ئاممىنى كىتابنى كۆپ ئوقۇش، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى ۋە ئىلھاملاندۇردى.

  تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى «كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈش، كىتابنى كۆپ ئوقۇش، ياخشى كىتاب ئوقۇش»تەك كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش ئۈچۈن، 4- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن دۇڭسەن رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ مىچۈەن دۇڭسەن جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تۇڭشىن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «كىتاب ئوقۇپ تۇرمۇشنى بېيىتىش، بىلىم بىلەن قەلبلەرگە ئىلھام بېرىش» دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى باش تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شۈيتاشەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىتتىپاق مەھەللىسى «كىتاب ئوقۇپ ھاياتلىقنى يېتەكلەش، كىلاسسىك ئەسەرلەر تۇرمۇشقا كىرىش» كىتاب ئوقۇش - ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  4- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سانجى شەھىرى داشىچۈ بازىرى شىڭفۇ كەنتى 24- قېتىملىق «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»نى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى ۋە كەنت كادىرلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار بىرلىكتە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى تەييارلىغان «شىنجاڭ گېزىتى» «سانجى گېزىتى» قاتارلىق گېزىت - ژۇرنال ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت، قانۇن - نىزام، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسى، ساقلىقنى ساقلاش، كۈتۈنۈش قاتارلىقلارغا دائىر كىتابلارنى بىرلىكتە ئوقۇدى.

  4- ئاينىڭ 23- كۈنى، ساۋەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ساۋەن ناھىيەلىك كۇتۇپخانا، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق كۆپ ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش · كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان ساۋەن» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرىدۇ. «بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈش، ياخشى كىتاب ئوقۇش قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىپ، كىتاب ئارقىلىق ساپانى ئۆستۈرۈش، ماھارەت ئۆگىنىش، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت» دېدى ساۋەن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لياۋ خەيلۇڭ.

   كىتاب سوۋغا قىلىپ بىلىمنى ئاشۇرۇش

  4- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسى ئاقساقمارال يېزىسى چېن لاۋچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە 300 پارچىدىن ئارتۇق تۈرلۈك بالىلار ئوقۇشلۇقلىرىنى سوۋغا قىلىپ، بالىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

  4- ئاينىڭ 19- كۈنى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش · كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان شىخەنزە شەھىرى» دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى پائالىيىتى قوراللىق ساقچى قىسىم بىڭتۇەن باش ئەترىتى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش 4- تارماق ئەترىتىدە باشلاندى. شىخەنزە شەھەرلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىدارىسى، شىخەنزە داشۆ كۇتۇپخانىسى قاتارلىق ئالتە ئورۇن قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ تاللىغان 2000 پارچىدىن ئارتۇق كىتابنى ئاپىرىپ بەردى. ئىككى تەرەپ يەنە ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇددىئانامە ئىمزالىدى ھەم گازارمىدىكى كۆچمە كىتاب پونكىتى يوپۇقىنى ئاچتى.

  4- ئاينىڭ 21- كۈنى، «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش تەسىراتىدىن تەڭ بەھرىلىنىش» كىتاب ئوقۇش، دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا جايلاشقان شياۋلۈگۇ يېنىدىكى كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان تىيانشان ئېكولوگىيەلىك كىتاب ئوقۇش بوشلۇقىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن شياڭشەن كوچىسى مەھەللىسىدىن كەلگەن 11 ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە ۋەكىللىرىگە «كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان تىيانشان مىكرو كۇتۇپخانىسى كىتاب ئوقۇش كارتىسى» سوۋغا قىلدى، جۇ زىمو ئىسىملىك بىر كىچىك دوست نەق مەيداندا «يۈنپىڭ رەقەملىك كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش ماشىنىسى»دىن ئۈچ پارچە بالىلار رەسىملىك كىتابىنى چۈشۈردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىگە ئورتاق قاتنىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، كىتاب ئوقۇپ قەلبنى بېيىتىپ، كىشىلىك ھاياتنى موللاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

   ئاساسىي تېما پائالىيىتى دولقۇن قوزغىدى

  4- ئاينىڭ 19- كۈنى، بىر مەيدان «كىتاب ئوقۇش كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىدۇ، پەن - تېخنىكا ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ» باش تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش مۇنبىرى ئۈرۈمچى يېما خەلقئارا سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى، 13 مۇتەخەسسىس نەق مەيداندىكى ئوقۇرمەنلەر بىلەن كىتاب ئوقۇش ۋە ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە بىلەن مەكتەپ بىرلىكتە بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى، ئىزدەندى.

  4- ئاينىڭ 20- كۈنى، 2019- يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «تىيانشان كىتاب ئوقۇش ئېيى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى باشلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۇتۇپخانىنىڭ كۇتۇپخانا باشلىقى جىن يىشىڭ مۇنداق دېدى: كىتاب ئوقۇش ئېيى پائالىيىتى مول مەزمۇنى، يېڭىلىق يارىتىش شەكلى ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، كىتابنى ياخشى كۆرىدىغان، كىتاب سېتىۋالىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنى ئاشۇردى.

  شۇ كۈنى دەل سائەت 12دە، ئۈرۈمچى دەۋر مەيدانىدا بىر مەيدان 100 كىشىلىك دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى جەلپ قىلىندى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ چوڭ ئەترەت يېتەكچىسى يۈ شەنشەن 34 ئوقۇغۇچىنى باشلاپ 100 كىشىلىك دېكلاماتسىيە قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  4- ئاينىڭ 20- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىسىنىڭ ئارا ئايماق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بىرلىشىپ «4- ئاينىڭ خۇش پۇرىقى كىتاب ئوقۇش ماڭا ھەمراھ» باش تېمىلىق پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، بالىلار قوشاقلىرىنى خور قىلىپ ئېيتىش، مەشھۇر ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە، گۈزەل يۇرتقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى چوڭقۇر ئىپادىلىدى. كەنت ئاھالىسى ئەمەر ھامۇت پائالىيەتكە قاتناشقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن، ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشنى قەدىرلەيمەن، بۇنىڭدىن كېيىن ئەستايىدىل كىتاب ئوقۇپ، باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، مەنىۋىيىتىمنى تېخىمۇ بېيىتىمەن».

  4- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىدە، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى زامانىمىزدىكى داڭلىق شائىر، نەسر يازغۇچىسى جوۋ تاۋنى «دېكلاماتسىيە يېتەكچىسى»لىككە تەكلىپ قىلىپ، «رىياسەتچى+ دېكلاماتسىيە يېتەكچىسى + دېكلاماتسىيەنى ھۇزۇرلىنىپ باھالاش + ھەمتۈرتكە بولۇش» ئەندىزىسى ئارقىلىق بۇ مەكتەپنىڭ ئىلمىي دوكلات زالىدا كىلاسسىك مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈشكە، ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرۈشكە يېتەكلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى