4-ئاينىڭ 21-كۈنى، تاڭشەن شەھىرى فىڭرۈن رايونىدىكى ئورگان كادىرلىرى، قىسمەن كارخانا ئىشچىلىرى ھەمدە يېزا-بازار پىدائىيلىرى ۋاڭگۇڭيىڭ بازىرى ماتوۋشەن تېغىدىكى تاشلىۋېتىلگەن كاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئىش مەيدانىدا كۆچەت تىكمەكتە (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 21-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى تاڭشەن شەھىرى فىڭرۇن رايونلۇق ھۆكۈمەت ئورگان كادىرلىرى ۋە قىسمەن كارخانا ئىشچىلىرى ھەمدە يېزا-بازار پىدائىيلىرىدىن بولۇپ 500دىن ئارتۇق ئادەمنى تەشكىللەپ، ۋاڭگۈڭيىڭ بازىرى ماتوۋشەن تېغىدىكى تاشلىۋېتىلگەن كاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئىش مەيدانىدا مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ رايون يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، كان قېزىش ئېلىپ كەلگەن يەر چۆللىشىپ كېتىش، مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. ھازىرغىچە، فىڭرۇن رايونى 4.8 كىۋادرات كىلومېتىر كاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تاماملىدى.