تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

ئونسۇ ناھىيەسى: تۆمۈرچىلىكتىن كەپشەرلەنگەن «بېيىش يولى»

  4-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەردە، ئونسۇ ناھىيەسى گۇڭچىڭتۈەن بازىرى يۇقارقى مەھەللە كەنتىنىڭ ئاھالسى سەمەر قۇۋاننىڭ تۆمۈرچىلىك دۇكىنى ئەمدىلا ئېچىلىشىغىلا بىرسى ئۇنىڭغا: «سەمەر، بۈگۈن مەن مېۋىلىك باغنى ئوغۇتلىماقچى ئىدىم، ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتىمنىڭ توسۇق تاختىسى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ، ماڭا رېمونت قىلىپ بەرسىڭىز.» دېدى. 

  سەمەر توكلۇق كەپشەرلەش ماشىنىسىنى پۇختىلىق بىلەن ئىشلىتىپ، بىردەمدىلا توكسىكلىتنىڭ توسۇق تاختىسىنى رېمونت قىلىپ بەردى.

  سەمەر ئىشچان ئادەم بولۇپ، ئادەتتە چىلان تېرىيتتى، بىكار ۋاقىتلىرىدا ۋاقىتلىق ئىشچى بولۇپ ئىشلەيتتى. گەرچە كىرىمى يامان ئەمەس بولسىمۇ، لېكىن بىرەر ماھارەت ئۆگىنىپ باي بولۇشنى ئويلايتتى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئىدارىسى ئونسۇ تارماق ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، باشقا كەنت ئاھاللىرىنىڭ ماھارەت ئۆگىنىش ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئاكتىپ ماسلىشىپ، قىسمەن ئاھالىلەرنى تەشكىللەپ ناھىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتۇردى، ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتتى. 

  تەربىيەلەش كۇرسىدا سەمەر تۆمۈر سوقۇش، كەپشەرلەش ۋە كېسىش دەرىسلىكىنى تاللىدى، بىر ئايغا يېقىن تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئۇ ئالاقىدار تېخنىكىنى پىششىق ئىگىلىدى. خىزمەت ئەترىتى ۋە «ئىككى كومىتېت» نىڭ ئىلھام بېرىشى ۋە ياردىمىدە، كەنتتىكى يول بويىدىكى بىر دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ تۆمۈرچىلىك دۇكىنى ئاچتى.  سەمەر ئۆزىنىڭ ئەستايىدىللىقى، تېخنىكىغا پۇختىلىقى بىلەن ئۆز كەنتى ۋە ئەتراپىدىكى كەنت ئاممىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشپ، ھەركۈنى دۇكانغا كېلىپ نەرسىلىرىنى كەپشەرلىتىدىغان، پولات كەستۈرىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.

  «ھازىر ھەركۈنى 300 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايمەن، ئالدىنقى ئايدا تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، ساپ پايدا 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولدى. خىزمەت ئەترىتىگە ئىنتايىن رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلارنىڭ ياردىمى بولغاچقىلا بۇ تۆمۈرچىلىك دۇكىنىنى ئاچالىدىم، نەچچە ئايدىن كېيىن تىجارەت دائىرەمنى كېڭەيتىشنى پىلانلاپ، بىر قانچە شاگىرت قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىكنى بىللە بېيىشقا يېتەكلەيمەن.» دېدى سەمەر كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈستىدە توختىلىپ تولۇق ئىشەنچ بىلەن.

  «بىز سەمەر ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال بولدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز داۋاملىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ماھارەت جەھەتتە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشتا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان يولدا مېڭىشىغا ئىلھام بېرىمىز.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، بىرىنچى شۇجى لى چېڭ. (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنىتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن ليۇ شۈ تەمىنلىگەن)

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى