تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلار باھار يامغۇرىنى كۈتۈۋالدى، ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ

  مۇخىبرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى: ھەممەيلەن «باھار يامغۇرى ياغدىنمۇ قىممەتلىك» دېيىشىدۇ، بىر قېتىملىق باھار يامغۇرىدىن كېيىن، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان غۇنچىلار ھۈپپىدە چېچەكلەيدۇ، دەرەخ شاخلىرىدىكى يامغۇر تامچىلىرى خۇددى بالىلارنىڭ يىغلاشلىرىدىن كېيىن ئوماق يۈزىدە تۇرۇپ قالغان ياش تامچىسىدەك يالتىراپ تۇرىدۇ. بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر ياغىدۇ، شەرقىي شىنجاڭدىمۇ ئاز مىقداردا يامغۇر ياغىدۇ. يامغۇرنىڭ ئاز-كۆپ يېغىشىدىن قەتئىينەزەر، سىرتقا چىققاندا كۈنلۈك ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ.

  تۈنۈگۈن ياغقان يامغۇردىن كېيىن، بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃17، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃9 بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ. بۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ھەرىكىتى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، كۆپچىلىك كىيىنىشكە دىققەت قىلىپ، زۇكام بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى