تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كۇچا ناھىيەسى: ئېشەك خاس باقمىچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىگە «ئالتۇن-كۈمۈش» ئېلىپ كەلدى

  يېقىندا، كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ كۇچا ناھىيەسى خانىقاتام يېزىسى نوباشلام كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ئادەتتىكىدەك ھۈسەن رېشىتنىڭ ئېشەك ئېغىلىغا كېلىپ، ئېشەكلەرنىڭ كۆپىيىش، بوردىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلىنىڭ يىل بېشىدا، ھۈسەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت ئەترىتىنى ئىزدەپ، ئۆزىنىڭ ئېشەك بېقىش تەجرىبىسى بارلىقىنى، ئېشەك خاس باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇررۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى، لېكىن مەبلەغ يېتىشمىگەنلىكىنى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ مەبلەغ ئوبوروتى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ھۈسەننىڭ ئويلىغانلىرىنى ئاڭلاپ، خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ 70 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ بەرگەن، ھۈسەن قەرز پۇلغا 13 ئېشەك سېتىۋېلىپ، ئېشەك خاس باقمىچىلىقىنى باشلىغان.

  «بىر يىلدىن ئارتۇق بېقىش ئارقىلىق، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا بارلىق تەننەرخنى قايتۇرۇۋالالايمەن ھەمدە كىرىمىم بىۋاسىتە ئاشىدۇ. يەنە 45 مو يەر تېرىدىم، ئېشەك خاس باقمىچىلىقىنىڭ تەبىئىي يەم-خەشىكى قىلىشقا يېتەرلىك زىرائەت شاخ-شۇمبىلىرىم بار، خىزمەت ئەترىتىنىڭ مېنى قوللىغانلىقى ۋە ماڭا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت» دېدى ھۈسەن خۇشال ھالدا.

  ھۈسەننىڭ ئېشەك خاس باقمىچىلىقىنى ئۈنۈملۈك راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى يەنە ئاكتىپ ھالدا يېزىلىق مال دوختۇرلۇق پونكىتىدىكى دوختۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئېشەكلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتكۈزدى، ئېشەكلەرنى بورداش، ئۇرۇقلاندۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەتكۈزدى، بىر يىلدىن ئارتۇق بېقىش ئارقىلىق، ھۈسەن باققان ئېشەكلەر ئۈچنى تەخەيلىدى، ھازىر ئىككى مادا ئېشەك ئوڭۇشلۇق بوغاز بولدى، يىللىق كىرىم 40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئېشىش مۆلچەرلەندى.

  «ئېشەك خاس باقمىچىلىقى ھۈسەنگە ‹ئالتۇن-كۈمۈش› ئېلىپ كەلدى ھەمدە دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولدى، كېيىنكى قەدەمدە بىز ئۇنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىمىز ھەمدە تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ئېشەك خاس باقمىچىلىقىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا يېتەكچىلىك قىلىمىز، تۈرتكە بولىمىز» دېدى كەنتنىڭ 1-شۇجىسى مۇتەللىپ غۇلام. (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن لۈ جيەنخۇڭ، ۋاڭ يۈتىڭ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى