تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايوننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، جى جېڭ، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىدە ئېنىق قىلىپ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بۇ يىل، كېلەر يىلى ئىككى يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىز، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملىشىمىزغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش روھىي ھالىتى، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق پۈتۈن كۈچ بىلەن نامراتنىڭ نامرىتىنى قۇتۇلدۇرۇپ، قىيىننىڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىنى ياخشى تاماملىشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو پۈتۈن ئاپتونوم رايون نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ۋە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى، بۇ دەل ئەڭ كۈچەيدىغان مەزگىل، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا ۋە ئالاھىدە نامرات ئامما توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىن ئىبارەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر - ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، يېزا - كەنتلەر جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى تۇتۇشى، ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، ئاساسلىق باشقۇرۇشقا مەسئۇل يولداشلار زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ كونكرېت تۇتۇشى، ھەرقايسى تارماقلار ئىش تەقسىملەپ مەسئۇل بولۇشى، كۈچنى توپلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى كېرەك. مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، دىققەتنى نىشان، ئۆلچەمگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ ئىگىلەپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى يۇقىرىلىتىۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك، ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، سىياسەتنى دەل جايىدا يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى ۋە ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆتىنچىدىن، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەركەزنىڭ مەخسۇس كۆزىتىشىدە كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرگە سېلىشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، قاتتىق، ئەمەلىي بولۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، تۈرلۈك مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئالتىنچىدىن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قولدا قېپقالغان نامرات ئاھالىلەرنى ئازايتىشنى تۇتۇپ، بىر قولدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنى مۇستەھكەملەپ يۈكسەلدۈرۈشنى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتى ۋە كۈچىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى چىڭىتىپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يەتتىنچىدىن، ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ئادەمنى توغرا ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە كۆيۈنۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ھەممە كىشى كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە كىشى قوللايدىغان، ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، نىشان، ئۆلچەمدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى تۇتۇشقا زور كۈچ سەرپ قىلىپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، سۇچىلىق نازارىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم، يەكەن ناھىيەلىك پارتكوم پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە قىسمەن ئېغىر نامرات رايون ھەم ناھىيە، شەھەرلەر يازما سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.