تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

«يۇپىتېر بىلەن ئاينىڭ يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىشى» 4-ئاينىڭ 23-كۈنى كۆرۈلىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 4- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر جوۋ رۈنجيەن). ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسى تونۇشتۇرۇشىچە، 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاسترونومىيە ھەۋەسكارلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن «يۇپىتېر بىلەن ئاينىڭ يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىشى»دەك گۈزەل ئاسترونومىيە ھادىسىسى كۆرۈلىدىكەن، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ھاۋا ئوچۇق بولسا، ئامما «بودەك» بىلەن «ئاي قىز»نىڭ يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقانلىقىدەك گۈزەل كۆرۈنۈشىنى تاماشا قىلالايدىكەن.

  تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغىنى شۇكى، لىرا يۇلتۇز تۈركۈمى ئاقار يۇلتۇز يامغۇرىمۇ شۇ كۈنى ئەڭ زور كۆلەمنى كۈتۈۋالىدۇ، شۇ چاغدا ساليوت كەبى گۈزەل ئاقار يۇلتۇزلار بۇ رومانتىك «يۇلتۇز، ئاي چۆچىكى»گە گۇۋاھ بولىدۇ.

  سەييارىلەر ئاي بىلەن بىر يەرگە كەلگەندە، ئاي بىلەن سەييارە كۆرۈش سېزىمىگە ناھايىتى يېقىن بولۇپ، مەيلى تاماشا قىلىش ياكى سۈرەتكە تارتىش جەھەتتە بولسۇن، ھەممىسى ناھايىتى ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئاسترونومىيەلىك ھادىسىدۇر، بولۇپمۇ ۋېنىرا بىلەن يۇپىتېردىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئەڭ يورۇق سەييارىنىڭ ئاي بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىشى تېخىمۇ شۇنداق.

  يۇپىتېر قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەر ئارىسىدا ھەجىمى ۋە ماسسىسى ئەڭ چوڭ، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى ئەڭ تېز بولغان گاز ھالەتتىكى سەييارە بولۇپ، تەركىبى قۇياش بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يەنە ئەڭ كۆپ ھەمراھقا ئىگە بولۇپ، «گىگانت ئادەم سەييارە» دېگەن نامى بار.

  ئاسترونومىيە مائارىپى مۇتەخەسسىسى، تيەنجىن شەھەرلىك ئاسترونومىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى جاۋ جىخېڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 4- ئايدا يۇپىتېر يىلانچى يۇلتۇز تۈركۈمىدە ھەرىكەت قىلىدىكەن، كۆزىتىشكە بولىدىغان ۋاقىت كۆپىيىدىكەن، چىقىش ۋاقتى سائەت 23تىن كېيىنگە ئالدىغا سۈرۈلىدىكەن، كۈن چىققاندا غەربىي جەنۇب ئاسمان بوشلۇقىدا تۇرىدىكەن، يورۇقلۇق دەرىجىسى تەخمىنەن 2.4- دەرىجىگە يېتىدىكەن، كېيىنكى يېرىم كېچە ئۇنى كۆزىتىشنىڭ ياخشى پەيتى ئىكەن.

  ھاۋا ئوچۇق شارائىتتا، 4-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 23تىن كېيىن، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى كۆپۈنكى ئاي غەربىي جەنۇب ئاسمىنىدا سۈپسۈزۈك ھەم يورۇق ھالەتتە تۇرىدۇ؛ تولۇن ئاينىڭ سول تەرىپىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، يۇپىتېر مەرۋايىتتەك چاقناپ تۇرىدۇ، بۇ ئىككىسى يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىپ، ئاممىغا بىر مەيدان ئېسىل «يۇلتۇز، ئاي چۆچىكى»نى تەقدىم قىلىدۇ. تاسادىپىي توغرا كېلىپ قالغىنى شۇكى، لىرا يۇلتۇز تۈركۈمى ئاقار يۇلتۇز يامغۇرىمۇ 4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەڭ زور كۆلەمنى كۈتۈۋالىدۇ، شۇ چاغدا ئاقار يۇلتۇزلار يۇپىتېر ۋە ئاينىڭ يېنىدىن سىيپاپ ئۆتۈپ، بۇ گۈزەل ئاسترونومىيە ھادىسىسىغا يەنە بىر رومانتىك تۈس قوشىدۇ.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى