تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

مۇۋاپىق چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بار

   گىرېتسىيەنىڭ بىر تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، قان بېسىمىنى بىرقەدەر ياخشى كونترول قىلغان يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بار بولۇپ، ئۈنۈمى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئوخشاش ئىكەن.

  ئاسكلېپىئون ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئوتتۇرىچە يېشى 62 ياشلىق يۇقىرى قان بېسىمى بىمارى پىدائىيسىدىن 212نى يىغقان. تەتقىقاتچىلار ئۇلارغا ھەرىكەت ھالىتىدە قان بېسىمىنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى تاقاپ، قان بېسىمىنىڭ ئۆزگىرىشى، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە ئارتېرىيە قېتىشىش دەرىجىسىگە ئالاقىدار تومۇر سوقۇش دولقۇنى يەتكۈزۈش تېزلىكىنى 24 سائەت باھالىغان ۋە خاتىرىلىگەن. 

  تەتقىقاتچىلار چۈشتە دەم ئالغان پىدائىيلارنىڭ قان بېسىمىنىڭ قىسقىرىش بېسىمى ئوتتۇرىچە قىممىتىنىڭ چۈشتە ئۇخلىمايدىغانلارنىڭكىدىن 5.3 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، كېڭىيىش بېسىمىنىڭ 3 . 3 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى تۆۋەن بولغانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن سىرت، چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولسا، قىسقىرىش بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىشى شۇنچە روشەن بولىدىكەن. تەخمىنەن بىر سائەتلىك چۈشلۈك ئۇيقۇ بىلەن، 24 سائەت ئىچىدىكى قىسقىرىش بېسىمىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى 3 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى تۆۋەنلەيدىكەن.

  كالىستراتتوس مۇنداق دېدى: «بۇ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئەھمىيىتى زور، چۈنكى قان بېسىمى ھېچ بولمىغاندا 2 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى تۆۋەنلىسىمۇ، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش خەتىرىنى ئەڭ كۆپ  بولغاندا %10 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ». بۇنىڭدىن سىرت، تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، چۈشلۈك ئۇيقۇ ئارقىلىق قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئۈنۈمى باشقا تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتىن قېلىشمايدىكەن، مەسىلەن: تۇز ۋە ئىسپىرتنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى 3~5 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، تۆۋەن مىقداردىكى قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار ئارقىلىق قان بېسىمىنى 5 ~7 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن .

  (خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)

  ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ئېكولوگىيەسىدىكى زور بايقاش: خوشۇت جىنشاتەندە قۇش ئۇۋىسى مىڭدىن ئاشىدىغان قۇش ئارىلى بايقالدى
  • سۈزۈك سۇ، يېشىل قىرغاقلار ئەتىۋارلىق قۇشلارنى جەلپ قىلدى ‏
  • كۇچادا ئۆرۈك پىشتى ‏
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى