تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش نۇقتىئىنەزەرىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 1- پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، نۆۋەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش نۇقتىئىنەزەرىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى، يىغىندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ 1- پەسىللىك ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، نۆۋەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت سەككىز خەتلىك فاڭجېن ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش نۇقتىئىنەزەرىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىلدى، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، دەل جايىدا كۈچ چىقىرىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەن پايدا داۋاملىق قويۇپ بېرىلدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى تەكشى، مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش نۇقتىئىنەزەرىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش + 3 + 3 + 1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك.

  بىرىنچىدىن، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش نۇقتىئىنەزەرىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت سەككىز خەتلىك فاڭجېننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك. مۇھىم، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ھۆكۈمەت قەرزى خەۋپ - خەتىرى، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى كۆرۈلمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك؛ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدار كاپالىتى ئاساسىي چېكى، مۇھىت سۈپىتى بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكى، تەبىئىي بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، ئۈچ كەسىپنىڭ قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. تەمىنات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سانائەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ساياھەت كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭچە خاسلىققا ئىگە كەسىپلەر توپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش كېرەك. باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، خامچوت نەتىجە - ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «غورىگىل كۈن ئۆتكۈزۈش» ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مالىيە كىرىمىنى ئاشۇرۇش، چىقىمنى تېجەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  ئالتىنچىدىن، يوشۇرۇن كۈچنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش كېرەك. ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى پائال كىرگۈزۈپ، مۇھىم، زور سۇچىلىق، قاتناش، ئېلېكتىر ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارنىڭ سېلىنما سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئىستېمال ئېھتىياجىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال قىزىق نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

  يەتتىنچىدىن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى كەسىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيە ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، تەشكىلات ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش كېرەك.

  سەككىزىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. توققۇز تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، مائارىپ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سەھىيە، ساغلاملىق جەھەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئەمىن ئۆي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەرلىك سىستېما قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

  توققۇزىنچىدىن، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەقىقىي ھالدا ئىقتىساد خىزمىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك كادىرلار خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، «قۇرۇلۇش ئەترىتى باشلىقى»لىقىنى ياخشى ئۆتەپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  ئونىنچىدىن، ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، دائىم ھوشيار تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى