تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىنىڭ گۈزەل كېچىسى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، لى رۇي، ۋاڭ چىمىڭ، جاڭ ۋەندې

4- ئاينىڭ 15- كۈنى كەچتە، كۇچا ناھىيەسىدىكى پىدائىيلار نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېچىنى ھەقسىز ياساپ قويماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى)

  كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرى نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدە، ئاۋاتلىق بىلەن جىمجىتلىق، ئالدىراشلىق بىلەن ئارىسالدىلىق ئىناقلىق مېلودىيەسى بولۇپ يۇغۇرۇلدى.

  4- ئاينىڭ 15- كۈنى، مۇخبىرلار نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدە قوندى. كەنتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى، مەدەنىيەت پائالىيىتى، ئاممىۋى مەنپەئەت پائالىيىتىدىن، كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشەنچكە تولغان كۈلۈمسىرىشىدىن، بىز كەنت ئاھالىسىنىڭ ئەمەلىي ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇق.

   تېرىقچىلىققا تېز تۇتۇش قىلىنىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى

  كەچقۇرۇن، لو ياڭفا ئاكىسىدىن كەلگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلدى: بۈگۈن ئاخشام ئاي بەك يورۇپتۇ، بىز داۋاملىق ئىشلەيلى.

  لو ياڭفا ئاكىسى لو گوئەن، ئىنىسى لو لىلار 1996- يىلى نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ھازىر شۇ جايدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى بولۇپ قالدى.

  كەچ سائەت 8دە، كەچلىك تاماقنى يەپ بولغان لو ياڭفا ئاغىنىلىرى بىلەن بىللە تىراكتورنى ھەيدەپ ئۆيىدىن چىقتى.

  «بىز ھۆددىگە ئالغان يەر خېلى كۆپ، 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كېۋەز تېرىشقا باشلايمىز، ئادەتتە كېچىسى يەر ئاغدۇرساق كۈندۈزى يەر تىرنىلايمىز، كۈندۈزى ئۇرۇق سالساق، كەچتە ئۇلاپ ئۇرۇق سالىمىز، بىر ئايغىچە يەرنى تېرىپ بولالمىساق، ھوسۇلغا تەسىر يېتىدۇ» دېدى لو ياڭفا.

  لو گوئەن داۋاملىق ئۇرۇق سېلىپ، كەچلىك تاماققا ئۆيگە قايتالمىغاچقا، ئۆيدىكىلەر تاماقنى ئېتىز بېشىغا ئېلىپ كەلگەنىدى. كەچ سائەت 9دىن كېيىن، كەڭ دالا قاراڭغۇلۇققا تولۇپ، ھاۋا سوۋۇپ كەتتى، ئۇ ۋە كۈنلۈك ئىشلەمچىلەر چاپانلىرىنى كىيدى، تىراكتورنىڭ ئالدى - كەينى چىرىغىنى ياندۇردى. «تات، تات، تات» قىلغان تىراكتور ئاۋازىدا سولياۋ يوپۇق، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى توچكىلىق تېرىلغان ئۇرۇقنى بويلاپ ئاستا - ئاستا ئالدىغا قاراپ يېيىتىلدى.

  ئانچە يىراق بولمىغان يەردە، چوڭ چىرىغى يېقىلغان بىر تىراكتور ئۇياقتىن - بۇياققا يۈرۈپ مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى. لو ياڭفا: ئۇ تۇرغۇن مەمەتنىڭ تېرىلغۇ يېرى، دېدى.

  لو ياڭفا ئاكا - ئۇكىلار كېۋەز تېرىپ كىرىمىنى كۆپەيتتى، تۇرغۇن باشقىلارنىڭ تېرىلغۇ يېرىنى تىرنىلاپ كىرىمىنى كۆپەيتتى. ئارام ئېلىش ئارىلىقىدا، تۇرغۇن لو ياڭفاغا مۇنداق دېدى: «كەچنىڭ ھاۋاسى سالقىن، پاشىمۇ يوق، بىز چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيلى. مۇشۇ بىر مەزگىل ئالدىراشچىلىقنى تۈگەتسەكلا، بازارغا بېرىپ ھاراق ئىچىپ كېلەيلى».

   دېھقانلار رومكا سوقۇشتۇرۇپ بەخت توغرىسىدا پاراڭلاشتى

  نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتى نەچچە كىلومېتىرغا سوزۇلغان تار ۋە ئۇزۇن بەلباغقا جايلاشقان بولۇپ، كەچتە بازار ئەڭ ئاۋات جاي ھېسابلىنىدۇ.

  «كەنتنىڭ بازىرى بەك قىزىيدۇ.» 63 ياشلىق جى جىچاۋ بىرقانچە خىل ئۇششاق يېمەكلىك ۋە بىرقانچە رومكا ھارىقىنى ئەخمەت ساۋۇت قاتارلىق بىر نەچچە ياشقا كۆرسىتىپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

  بازارنى جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بۇلتۇر ياردەم بېرىپ قۇرغان. كەچتە، گەرچە نان يېقىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق بىر قانچە دۇكان تاقىلىپ بولسىمۇ، لېكىن ئاشخانىلارنىڭ سودىسى بەكلا قىزىپ كېتىدۇ.

  جى جىچاۋ ئائىلىسى 200مودىن ئارتۇق يەرگە كېۋەز تېرىيدىغان بولۇپ، %70ىنى تېرىپ بولغانىدى. غەلىبە كۆز ئالدىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئوبدان كۈتۈۋالغۇسى كەلدى.

  1961- يىلى، جى جىچاۋ ئاتا - ئانىسىغا ئەگىشىپ بۇ يەرگە كەلگەن. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدىكى ھېكايىسىنى ناھايىتى راۋان سۆزلەپ، كۆپچىلىكنى قاقاقلاپ كۈلدۈرۈۋەتتى.

  يىراق بولمىغان جايدا، ئاچىسىنىڭ ئاشخانىسىغا ياردەملىشىۋاتقان مەمەت ئوسمان بىر تەرەپتىن مېھمانلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپتىن ئەپچىللىك بىلەن كاۋاپ ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ئۇ چىمەن بازىرى بازار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىگە كەلگىلى ئەمدىلا ئىككى ئاي بولغانىدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى، شۇنداقلا ئاشخانا سودىسىنىڭ بىر يىلدىكى تۇنجى يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدىغان پەيت. ئىلگىرى دېھقانلار يەر تېرىغاندا ھەممىسى ئۆزلىرى يەيدىغان نەرسە ئېلىۋالاتتى، بۈگۈنكى كۈندە، دېھقانلارنىڭ ئېتىزدا تېلېفون بېرىپ تاماق بۇيرۇتۇشى كەڭ ئومۇملاشتى.

  «ئېتىزلىق ئانچە يىراق بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە تاماق يەيدىغان مېھمانلار كۆپ، بىز ئاپىرىپ بېرىشكە ئامالسىز. شۇڭا ئادەتتە ۋاقىتنى دېيىشىۋېلىپ، ئۇلار ئاپتوموبىل ھەيدەپ ياكى موتوسىكلىتلىق كېلىپ ئېلىپ كېتىدۇ، باياملا بىرەيلەن زاكاز قىلغان ئالتە كىشىلىك لەڭمەن، 20 زىخ كاۋاپنى ئېلىپ كەتتى» دېدى مەمەت.

  مەمەت مۇنداق دېدى: ئادەتتە كەچ سائەت 12دىن كېيىن ئاشخانا تاقىلىدۇ، ئېتىزدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان كەنت ئاھالىلىرىمۇ تىراكتورنى ھەيدەپ قايتىپ كېلىدۇ.

   مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى خۇشاللىق قوشتى

  بازار ئالدىدىكى كەڭ يولدا، كەچتە ئاپتوموبىللار ئاز ئىدى، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قىپقىزىل «جۇڭگو تۈگۈچى» يول چىراغلىرى تېخىمۇ كۆزنى قاماشتۇراتتى.

  ئالدىغا نەچچە ئون مېتىر ماڭسىلا نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ھويلىسىغا بارغىلى بولىدۇ، بۇ، كەنتتىكى يەنە بىر ئاۋات جاي. بۇ كۈنى كەچتە چىمەن بازىرىدىكى كىنو قويغۇچى ئابلىز قۇربان كىنو قويغىلى كەلدى. ئۇ رەقەملىك كىنو قويۇش ئاپپاراتى ۋە ئېكراننى رەتلەپ بولغاندا، كەينىدە نۇرغۇن ئادەم ئولتۇرۇپ بولغانىدى.

  «مەن كىنو قويۇۋاتقىلى توققۇز يىل بولدى، ھازىر كىنو قويۇش ئۈسكۈنىلىرى ناھايىتى ئىلغار، دېھقانلارنىڭ كىنو كۆرۈش شارائىتىمۇ كۆپ ياخشىلاندى. ئىلگىرى، نۇرغۇن كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت مەيدانى كىچىك، شارائىتى ناچار بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى ئۆزى ئورۇندۇق ئېلىپ كېلەتتى» دېدى ئابلىز تۈپتۈز سېمونت يەر ۋە ئوخشاش سىرلانغان ئورۇندۇقلارغا قاراپ ھاياجان بىلەن.

  ئابلىز كەنت ئاھالىلىرىگە ھېكايە فىلىم «مىكون دەرياسى ھەرىكىتى»، ئىلمىي تەربىيەۋى فىلىم «مېۋىلىك دەرەخ سۇ تېجەشكە موھتاج»، ھۆججەتلىك فىلىم «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش»نى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تاماشىبىنلار ئاڭلاپ ئالقىش ياڭراتتى.

  كالا باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى مامۇت ئىدرىس كالىسىغا يەم بېرىپ بولۇپ، قوتاننىڭ ئىشىكىنى ئوچۇق قويۇپ ئۆزى كىنو كۆرگىلى كەتتى. مۇخبىر ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن قوتاننىڭ ئىشىكىنى تاقىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «ھازىر ئامانلىق شۇنچە ياخشى، نەرسە يىتىپ كېتىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق» دېدى.

  كەنت ئاھالە كومىتېتى ھويلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە، كۇچا ناھىيە بازىرىدىن كەلگەن ئەخمەت نىياز قاتارلىق بىر نەچچە ياش ئەسۋاب ساندۇقىنى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چېچىنى ھەقسىز ياساپ قويدى. ئەخمەت ناھىيە بازىرىدا بىر ساتىراشخانا ئاچقان بولۇپ، بىر قېتىم ياش پىدائىيلارنىڭ چېچىنى ياساپ، مېھىر - شەپقەت پائالىيىتىگە قاتنىشىشنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىگە قوشۇلۇپ، قەرەللىك ھالدا يېزىلارغا بېرىپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى.

  تۇيمايلا يېرىم كېچە بولۇپ كەتتى، نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتى ھەقىقىي جىمجىتلىققا چۆمۈشكە باشلىدى. كەنت ئاھالە كومىتېتى ھويلىسىنىڭ يېنىدا دۇكان ئاچقان تۇنىياز ئابلا ئەڭ ئاخىرىدا ئىشىكنى تاقىدى. ئىشىكنى كەچرەك تاقىغاندا، كەنت كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار قاتارلىق نۇرغۇن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىشىغا قولايلىق ياراتقىلى بولاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى