تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى

  2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 537 مىڭ نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى 2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %11.57تىن %6.51كە تۆۋەنلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشتا، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، پۈتۈن قەلب، پۈتۈن مېھىر، پۈتۈن كۈچ بىلەن يېزىلاردىكى نامراتلارنى يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلدۇرماسلىق، كىيىم - كېچەكتىن غەم قىلدۇرماسلىق، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىدە كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

   مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، «نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلىدى»

  3- ئاينىڭ 30- كۈنى، خوتەن شەھەرلىك بېيجىڭ خەيديەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئاساسىي تېمىلىق ئىجتىمائىي تەشكىلات پائالىيىتى باشلاندى، 300دىن ئارتۇق ئائىلە باشلىقى پائالىيەتكە قاتناشتى. يېپيېڭى ئوقۇتۇش بىناسى، ئۆلچەملىك تەنھەرىكەت مەيدانى... ئائىلە باشلىقلىرىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنىڭ بىرى بولغان خوتەن شەھەرلىك بېيجىڭ خەيديەن باشلانغۇچ مەكتىپى، يەسلى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 140 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، سىنىپ، ئۆي ئىچى پائالىيەت سارىيى، ئاشخانا قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار، باشلانغۇچ مەكتەپتە جەمئىي 36 سىنىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 1620 ئوقۇغۇچى سىغىدۇ.

  خوتەن ۋىلايىتى مەخسۇس تۈردىكى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، سىياسەت ۋە مەبلەغ مايىللىقى سالمىقىنى زورايتىپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، مائارىپ سېلىنمىسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلىدى.

  نامرات ئائىلىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى «ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش، ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئوقۇشتىن چېكىنمەسلىك» پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى يولغا قويۇشتىكى نىشانلىرىنىڭ بىرى. «يۇمران مايسىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق توپلارنى ئالدىن ياردەم بېرىپ يۆلىدى. ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ياردەم بېرىش ئوبيېكتى قاتارىغا ۋاقتىدا كىرگۈزدى.

  نۆۋەتتە، خوتەن ۋىلايىتى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا كاپالەتلىك قىلىشنى يادرو قىلىپ، چېكىنىشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزدا ئوقۇش نىسبىتى %99تىن ئاشتى؛ نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى كاپالەت نىسبىتى %100كە يەتتى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىش، ئوقۇشتىن چېكىنىش مەسىلىلىرى تۈپتىن ھەل قىلىندى.

   داۋالىنىش كاپالىتى «نامراتلىق ھالىتىدىن قۇتۇلدۇردى»

  بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش، قان بېسىمىنى ئۆلچەش، Bچاۋدا تەكشۈرۈش... 4- ئاينىڭ 19- كۈنى، توقسۇ ناھىيەسى تامتوغراق يېزىلىق شىپاخانا ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، تېببىي خادىملار پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  شىپاخانا دوختۇرى ئايگۈل ئەخمەت مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، بىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە جىگەر ياللۇغى، تۇبېركۇليۇز، قاپلىق قۇرت قاتارلىق كېسەللەرنى تەكشۈرۈش تۈرلىرىنى كۆپەيتتۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كېسەلنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ساغلام تۇرمۇش ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن تەدرىجىي ئورۇن ئالدى».

  ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلۈك تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئاممىنى ھەقىقىي ساغلاملىق پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلدى.

  كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەل قىلىش ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئاقسۇ ۋىلايىتى داۋالىنىش كاپالىتى مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا ئاھالىلىرى ئالدى بىلەن داۋالىنىپ ئاندىن ھەق تۆلەش، كېسەلخانىدا يېتىش زاكالەت پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىر بېكەت شەكلىدە راسچوت قىلىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتىكى «ئۈچ بىر تۈركۈم» ھەرىكىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.

  نامرات ئامما «داۋالىنالايدىغان» «كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان» بولدى. 2018- يىلى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن داۋالىنىش ياردىمى بېرىش، جىددىي قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي مېھىر - شەپقەت ياردىمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى ئارقىلىق ئاتچوت قىلىنغاندىن كېيىنكى شەخسلەر ئۆزى تۆلەيدىغان داۋالىنىش خىراجىتىگە يەنە بىر قېتىم تولۇقلىما بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزىلارنىڭ سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى 91 يېزا - بازارلىق شىپاخانا، 1154 كەنت داۋالاش ئۆيىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تەلىپىگە يەتكۈزدى، ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا %99.2 ۋە %98.2 بولدى. يېزا - بازارلىق شىپاخانىلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستى.

   ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى «نامراتلىق ئۇۋىسىدىن كۆچۈردى»

  4- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى − ناھىيە بازىرىدىكى كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىدە، رەتلىك سېلىنغان سارغۇچ بىنالار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، بۇ يەردە ئارام ئالىدىغان شىپاڭ، چېنىقىش سايمانلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى.

  تاغدىن كۆچۈپ چۈشكىنىگە بىر يىل بولغان ئاينۇر ناھىيە بازىرىدىكى تۇرمۇشقا بارغانسېرى كۆنۈپ كەتتى. ئۇ زېيئويماق قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تويلۇق لازىمەتلىكلىرى ۋە مۇراسىم كىيىملىرى قاتارلىق زاكازلارنى مەخسۇس قوبۇل قىلدى. يېڭى تۇرمۇش تىلغا ئېلىنغاندا، ئاينۇرنىڭ چېھرىدە بەخت جىلۋىلەندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا، نامرات ئاھالىلەرنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇشنى باش ۋەزىپە قىلدى.

  2016- يىلىدىن بۇيان، قىزىلسۇ ئوبلاستى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش تۈرىنى يولغا قويۇشقا باشلاپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈشتە «گۈل كەشتىلەش ھۈنىرى»نى تولۇق ئىشقا سالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېيىنكى كەسىپلەر تۈرىنى پائال راۋاجلاندۇردى. ھازىرغا قەدەر، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 2717 ئائىلىدىكى 11 مىڭ 745 كىشىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى تاماملاپ، ئاقتۇ ناھىيەسى كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسى، ئاتۇش شەھىرى ئاغۇ يېزىسى ئاراساي مەھەللىسى قاتارلىق توققۇز ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنى يېڭىدىن قۇردى.

  كوئېنلۇن جيايۈەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەن چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، چارۋىچىلار تاغ ئىچكىرىسىدىن كۆچۈپ چىقىپ، مەھەللە ئاھالىسىگە ئايلاندى. تاغدىكى كالا - قويلار شۇ يەردە قالغان چارۋىچىلارنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلدى؛ ياكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىپ باشقىلارنىڭ ۋاكالىتەن بېقىشىغا تاپشۇرۇلۇپ، يىل ئاخىرىدا پايدا ئايرىپ بېرىلىدىغان بولدى؛ ئۇلار تاغدىكى چارۋىچىلارغا ئوخشاشلا ئوتلاق قوشۇمچە ياردەم پۇلىدىن بىردەك بەھرىمەن بولدى.

  ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بايقۇرۇت يېزىسىدىكى توپا نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش تۈرى خاس كىچىك شەھەر - بازار قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىنكى چارۋىچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «بىر ئائىلىنىڭ بىر دۇكىنى بولۇش»ىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇلار ئىلگىرى تۇرغان جايدىكى تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، ئۆز دۇكىنى بولۇش، يېقىن ئەتراپتىكى، ئۆز جايىدىكى پورت يۈك مەيدانىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت كارخانىلىرىدا ئىشلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى. نۆۋەتتە، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان چارۋىچىلار ئۆز ئالدىغا دۇكان ئېچىش، دۇكان ئىجارىگە بېرىش، ئۆز يېرىدە ئىشلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر يىلى مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى.

  (شىنجاڭ گېزىتى خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ يۇڭ، قىزىلسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ ۋېي، زۇلپىيە، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى جاڭ چېنجۈەن، لى جىندۇڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى