تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«كوئېنلۇندىكى قېرىنداشلار» فىلىمى بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم قويۇلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مايگۈل ئايتقازى خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 19- كۈنى، «كوئېنلۇندىكى قېرىنداشلار» فىلىمىنى بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى ئىجاد قىلىپ سۈرەتكە ئالغان، شىنجاڭنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى تېما قىلىنغان فىلىم.

  بۇ فىلىمدە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىر شۈ كۇننىڭ ئۆيىدىن 1500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىغا كېلىپ، كەنت ئاھالىسى مەرداننىڭ ئانىسى رەيھان چوڭ ئانا بىلەن تۇغقان بولغانلىقى ھەم مەرداننىڭ كەچۈرمىشىدىن خەۋەر تاپقانلىقى، يەنى مەرداننىڭ ھەمراھى بىلەن دەريا قىنىدىن تېرىۋالغان نەچچە يۈز مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى بىر پارچە خوتەن قاشتېشىنى ئېھتىياتسىزلىقتىن يىتتۈرۈپ قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نەزەرىدە ئالدامچىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئىشلەمچىلىك قىلىپ قەرز قايتۇرماقچى بولۇپ ئۆيىدىن ئايرىلغانلىقى، ئانىسىنىڭ ئوغلىنىڭ يولىغا قاراپ تولا يىغلاپ كۆزىنىڭ بەكلا ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان.

  مەردانغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن شۈ كۇن قاشتېشى ئىزدەش سەپىرىگە ئاتلانغان. ئۇ قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاخىر قاشتېشىنى تاپقان ھەم قاشتېشىنى ئېلىپ - ساتقانلارنى قايىل قىلىپ، پۇل ۋە قاشتېشىنى قايتۇرغۇزۇپ، مەرداننىڭ سەمىمىيىتىنى قوغداپ قالغان. شۈ كۇن ۋە قېرىندىشى مەردان سەمىمىيىتى ۋە دوستلۇقى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى جانلىق نامايان قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكەن.

  فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش نەق مەيدانىدا، فىلىم ۋەقەلىكى تاماشىبىنلارنى چوڭقۇر جەلپ قىلدى. فىلىمدە رەيھان چوڭ ئانا ئوغلىنى ھەددىدىن زىيادە سېغىنىپ، كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالايلا دېگەندە، تاماشىبىنلار قايغۇرۇپ كۆز يېشى قىلدى؛ فىلىمدە شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە يېقىملىق مۇزىكىسى نامايان بولغاندا، تاماشىبىنلار ھاياجېنىنى باسالماي ماختاپ كەتتى؛ فىلىمنىڭ ئاخىرىدا، رەيھان چوڭ ئانا يورۇقلۇقنى قايتا كۆرەلىگەن ھەم ئوغلى بىلەن قايتا دىدارلاشقان، شۈ كۇن بىلەن مەردانمۇ چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھرى ئورناتقان مەنزىرە نامايان بولغاندا، كىنوخانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  تاماشىبىن ما گوشىڭ مۇنداق دېدى: «فىلىمدە ئاددىي كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغ مېھىر - مۇھەببىتى ھېكايە قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق ئۆتىدىغان، خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان تۇرمۇش ھالىتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، پۇرسەت بولسا مەن چوقۇم شىنجاڭنى كۆرۈپ كېلىمەن».

  تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ خۇاڭگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «فىلىمدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، سەمىمىي، دوستانە نەزەر بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ تېمىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ، بىز شىنجاڭلىق كىنوچىلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشىمىزدىكى يەنە بىر ئەمەلىيەت».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى