4-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچ، بېيجىڭ ئولىمپىك باغچىسىنىڭ ئىچىدىكى «يىپەك يولى ئالتۇن كۆۋرۈكى» باش تېما قىلىنغان مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ چىراغلىرى يورۇتۇلدى. «يىپەك يولى ئالتۇن كۆۋرۈكى» مەنزىرىسى جۇڭگولۇق سەنئەتكار شۇ يوڭنىڭ ئىجادىيىتى، ئۇزۇنلۇقى 28 مېتىر، ئېگىزلىكى ئالتە مېتىر، كەڭلىكى تۆت مېتىر كېلىدىغان، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى كونتېكىست قىلىنغان بۇ چوڭ تىپتىكى سەنئەت ئەسىرى بۇ قېتىم 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باش تېما گۈللۈكى سۈپىتىدە نامايان بولدى.
شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ