تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

«كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان مەركىزىي شەھەر» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدۇ

   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ مېڭياۋ خەۋىرى)  4-ئاينىڭ 23-كۈنى ـــ 24-نۆۋەتلىك دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى، 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە، دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىگە ئائىت بىر يۈرۈش ئاساسىي تېمىلىق لېكسىيە، مۇنبەر ۋە پائالىيەتلەر ئۈرۈمچىدە قانات يايدۇرۇلىدۇ.

   «ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئوقۇش كەيپىياتىغا تولغان تىيانشان»  2019 مائارىپچىلار ئوقۇش مۇنبىرى

   ۋاقتى: 4-ئاينىڭ 19-كۈنى پۈتۈن كۈن (سائەت 10:00دا باشلىنىدۇ)

   ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى كۇنمىڭ يولى 158-نومۇر يېما خەلقئارا سارىيى A بىنا 4-قەۋەت

   بۇ، «كىتاب ئوقۇش كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىدۇ، پەن-تېخنىكا ئارزۇنىڭ روياپقا چىقىشىغا ياردەم بېرىدۇ» ئاساسىي تېمىسىدىكى بىر مەيدان ئوقۇش مۇنبىرى. جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشى ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش خىزمىتى كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ، مۇشۇ جايدىكى كىتاب ئوقۇش، مائارىپقا ئالاقىدار ئورۇن ۋە تەشكىلاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، مۇنبەر ئارقىلىق، ئالاقىدار كىتابلارنى ئوقۇش ئاساسىي تېمىلىق نۇتۇقلارنى سۆزلەپ، ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇش تەسىراتلىرىنى سۇنىدۇ.

    مۇنبەر جەمئىيەتكە، ئوقۇرمەنلەرگە «دەرۋازىسى»نى ئېچىۋىتىدۇ. پۈتۈن بىر كۈن ئىچىدە، 13 مۇتەخەسسىس تاماشىبىنلار بىلەن يەسلى كىتاب ئوقۇش ئۆزگىچە تەجرىبىسى، كىتاب ئوقۇش ۋە ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ۋە مەكتەپ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئەل ئىچى كىتاب ئوقۇش تەشكىلاتى قۇرۇش جەريانى قاتارلىق تەسىراتلىرىنى ئورتاقلىشىدۇ.

    جوۋ تاۋ «غەربكە سەپەر»نى ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ

   ۋاقتى: 4-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 11:00-13:00

   ئورنى: شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسىنىڭ ئىلمىي دوكلات زالى

    دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنىدە، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد داشۆسى ئىلمىي دوكلات زالىغا ھازىرقى زامان داڭلىق شائىرى، نەسىرچى، شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى جوۋ تاۋنى تەكلىپ قىلدى. جوۋ تاۋ «كىتاب ئوقۇش يېتەكچىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن «رىياسەتچى+كىتاب ئوقۇش يېتەكچىسى+ئۆرنەك ئېلىپ دېكلاماتسىيە قىلىش+ئۆزئارا تەڭ بەھرىمەن بولۇش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى ئۆزىنىڭ تۇنجى رومانى «غەربكە سەپەر»گە باشلاپ كىرىدۇ.

   «غەربكە سەپەر»دە داشۆ ئوقۇغۇچىسى جى شۇتېڭنىڭ چېگرا رايونغا كېلىپ ياشىغان تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى تەرجىمىھال شەكلىدە بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا تەقدىرنىڭ ئۆزگىرىشلىرى، قەلبنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمۇ بار. ئەسەر تولۇپ تاشقان ھېسسىيات، پىششىق تىل بىلەن يېزىلغان بولۇپ، چېگرا رايوننىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى ۋە ئۆزگىچە ھايات يولىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن.

   شۈيمو شۇشياڭ كىتاب ئوقۇش تەسىرات سۆزلەش پائالىيىتى

   ۋاقتى: 4-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 16:00

    ئورنى: ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شۈيتاشەن تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىتتىپاق مەھەللىسى

   بۇ، كىتاب ئوقۇشنى مەھەللىگە كىرگۈزۈش ئاساسىي تېما قىلىنغان بىر مەيدان پائالىيەت. 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىتتىپاق مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر ۋە كىتاب ئوقۇش ھەۋەسكارلىرى نەق مەيدانغا كېلىپ، يازغۇچىلار بىلەن كىتاب ئوقۇش توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ.

   ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ شىمىگۇ رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ـ ساياھەت ئىدارىسى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى ليۇ ياجۈننى نەق مەيدانغا كەلگەن تاماشىبىنلار بىلەن «كىتاب ئوقۇش كىشىلىك ھاياتتىكى كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ تۇرمۇشقا كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ» ئاساسىي تېمىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.

   ليۇ ياجۈن نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ ۋە كىتاب ئوقۇشتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.


 ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى