تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«بۇ ئىشنى مەن مىخ قېقىش روھى بىلەن قايتا - قايتا تۇتىمەن»

ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چۇڭچىڭدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغانلىقى توغرىسىدا

خەلق گېزىتى مۇخبىرى دۇ شاڭزې، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ شياۋسۇڭ

  بىر كەنت، بىر يىغىن. ئىللىق باھار پەسلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايروپىلان بىلەن چۇڭچىڭغا بېرىپ، دىققەتنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  كۆرگەن كەنت ئېگىز تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان نامرات كەنت بولۇپ، ئىسمى خۇاشى كەنتى ئىدى. ئۇ ۋۇلىڭ تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان توپ تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايون بولۇپ، قاتمۇقات ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇراتتى. باش شۇجىنىڭ تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، شۇنچە يىراقتىن بۇ جايغا كېلىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، نامرات رايوننىڭ يېڭى قىياپىتىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ئىدى.

  ئېچىلغان يىغىن «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بويىچە ئۆلكە، رايون ھالقىغان سۆھبەت يىغىنى، دەپ ئاتالدى. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئاساسىي تەلەپ ۋە يادرولۇق كۆرسەتكۈچ، كوممۇنىستلارنىڭ دۇنياغا بەرگەن جاراڭلىق قەسىمى ۋە تەنتەنىلىك ۋەدىسى ــــ 2020- يىلىغا بارغاندا يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ تويۇنۇش، كىيىنىشتىن غەم قىلماسلىقىنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش. دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلگەن مەسىلە قىيىن نۇقتىلارغا قارىتا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشنى مۇزاكىرە قىلىش بولدى، خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، بۇ قۇرۇق سۆھبەت يىغىنى ئەمەس، بەلكى مەسىلىگە قاراپ ئېچىلغان يىغىن بولۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەقىقىي تەتقىق قىلىنىپ ھەل قىلىنىدۇ.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىل، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 نەچچە يىلدا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئەسلىي مەقسىتى، بوشاشماي تىرىشىدىغان نىشانى، شۇنداقلا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇزاق مۇددەت ئويلاپ كەلگەن مۇھىم، زور مەسىلە.

  «كۆپ يىلدىن بۇيان، مەن ئىزچىل نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ھەپىلىشىپ كەلدىم، ئەمەلىيەتتە مەن دەل نامراتلار كۆلبىسىدىن چىققان.» لياڭجياخېدا، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى دەل يۇرتداشلارغا بىر ۋاق تويغىچە گۆش يېگۈزۈش ئىدى؛ جېڭدىڭغا بارغاندىن كېيىن، ئۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ بولسىمۇ «يۇقىرى ھوسۇللۇق نامرات ناھىيە» دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلىماقچى بولدى؛ نىڭدېدا، ئۇ باشلامچىلىق بىلەن «ئاجىز قۇش ئاۋۋال ئۇچۇش»تەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۆلكىگە، مەركەزگە بارغانغا قەدەر، نامراتلارنى يۆلەشتىن ئىبارەت بۇ ئىشقا ئۇ باشتىن - ئاخىر «زېھنىي كۈچىنى ئەڭ كۆپ سەرپ قىلدى». باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «مەن مىخ قېقىش روھىنى تەشەببۇس قىلىمەن، بۇنى ئۆزۈمدىن باشلىشىم كېرەك! بۇ ئىشنى مەن مىخ قېقىش روھى بىلەن قايتا - قايتا تۇتىمەن».

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن تا ھازىرغىچە، جۇڭگو ئۈزلۈكسىز يېڭىلىغان نامراتلارنى ئازايتىش نەتىجە قەغىزى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. 2012- يىلى ھازىر يولغا قويۇلغان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالە 98 مىليون 990 مىڭدىن ئازىيىپ، 2018- يىلىدىكى 16 مىليون 600 مىڭغا چۈشتى، ھەربىر يىل، ھەربىر ئاي، ھەتتا ھەربىر كۈندە بۇ سان ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگودا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقىنىغا نەچچە مىڭ يىل بولغان نامراتلىق قىيىن مەسىلىسى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنىڭ تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى.

  ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جەڭ قىلغانسېرى جەسۇر بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، بىز جەزمەن بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە جەڭنى ھەرگىز توختاتماسلىقىمىز كېرەك».

   ئېگىز تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئالاھىدە «ئارىلاپ تەكشۈرۈش»

  پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە ما پېيچىڭنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئاللىقاچان چۈشتىن كېيىن سائەت 6- 5 لەر بولغانىدى. 4- ئاينىڭ 15- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەتىگەندىلا بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ، ئايروپىلان بىلەن چۇڭچىڭغا كېلىپ، ئاندىن پويىزغا، ئاپتوموبىلغا ئالمىشىپ، قاتمۇقات تاغلاردىن ھالقىپ، كۆپلىگەن داۋانلاردىن ئېشىپ، يول بويى توختىماي مېڭىپ، شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ جۇڭيى يېزىسى خۇاشى كەنتىگە كەلدى.

  يامغۇردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلغان بولۇپ، تۇتاش كەتكەن چىيۆشەن تاغلىرى بۈك - باراقسان بولۇپ، ياپيېشىل تۈسكە كىرگەنىدى. خۇاشى كەنتىدىكىلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد تاغ ئېتىكىدىكى «ئالىقانچىلىك ئېتىز»دا تېرىقچىلىق قىلىپ كەلگەچكە، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەدىمىمۇ ئاستا بولۇپ كەلگەنىدى. يولدا باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى: كەنتتە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 85 نامرات ئائىلە، 302 نوپۇس بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى سەككىز ئائىلە، 19 كىشى تېخى نامراتلىقتىن قۇتۇلمىدى.

  ما پېيچىڭنىڭ ئۆيى بەكلا قىزىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ھويلىسىغا كەنت ئاھالىسى ۋەكىللىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى، يېزا - كەنت دوختۇرلىرى، يەنە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر يىغىلغان بولۇپ، ھويلىنى خۇشال كۈلكە سادالىرى قاپلىدى. باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىكنى ئولتۇرۇپ تەپسىلىي پاراڭلىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

  «ئۈچ خىل قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇپ بۇ يەرگە كېلىشىم <ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش>نىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشكەن - ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى نەق مەيداندا ئىگىلەش ئۈچۈن. بىز ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىۋاتىمىز. ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن - يەتمىگەنلىككە قاراشتا، مۇھىمى يۇرتداشلارغا قاراش كېرەك، مۇھىمى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ قانداق ئىشلىنىۋاتقانلىقىغا قاراش كېرەك. نامرات ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۆلچىمى دەل <ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش > ». باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇ قېتىم چۇڭچىڭغا كېلىشىم سىلەرنىڭ بىر نۇقتاڭلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن» دەپ قوشۇپ قويدى.

  يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ نۇرغۇن يۈرەك سۆزى بار ئىدى. نامراتلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەشكە تايىنىپ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان كەنت ئاھالىسى ۋاڭ سۇڭشىن ئاۋۋال گەپ باشلىدى، ئۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلمايلا ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. باش شۇجىنىڭ ئۆزىگە ئىلھاملاندۇرۇش نەزەرىدە قارىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ئۆز ئائىلىسىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى: ئىككى بالام مەكتەپتە ئوقۇغاچقا، ئانام ئېغىر كېسەل بولغاچقا، ئائىلىمىز ئىلگىرى نامراتلىقتىن قازانمۇ ئاسالمايتتۇق. ئەمما ھازىر، ھەر يىلى 10 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئامما نامراتلىقتىن قۇتۇلۇۋاتىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئارىلاپ - ئارىلاپ سۆز قىستۇردى. كۆپچىلىك پىكىر بايان قىلىشتىن توختىغاندىن كېيىن، ئۇ يۇرتداشلارغا «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بەردى.

  «دۆلىتىمىزدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانغا قەدەر، ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك ياماق چۈشكەن كىيىملەرنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. مەنمۇ ياماق چۈشكەن كىيىملەرنى كىيىپ چوڭ بولغان. لېكىن ھازىر مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا، ھەتتا چەت، يىراق تاغلىق كەنتلەرگە بارساقمۇ، كۆپچىلىك ناھايىتى رەتلىك كىيىنىدۇ، ياماق چۈشكەن يوتقان - كۆرپىلەرمۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ».

  «ئاشلىقنى ئېلىپ ئېيتساق، مەن بايىلا كۆرگەن ئىككى ئائىلىدە ئىككى - ئۈچ ئاشلىق بادىڭى بار ئىكەن، ئۆيىدە ئاشلىق بولسا كۆڭۈل توق تۇرىدۇ.» بۇ ئاشلىق بادىڭىغا قاچىلانغىنىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئالدىنقى يىلى ھوسۇل ئېلىنغان ئاشلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا چېگرا رايونىدا، زاماننىڭ ياخشىلىقى <ئۈچ يىل ئاشلىق تېرىسا، بىر يىل يېگۈدەك ئېشىنچا ئاشلىق توپلىنىدۇ> دەپ سۈپەتلىنەتتى. ھازىر سىلەر <بىر يىل ئاشلىق تېرىپ، ئۈچ يىل يېگۈدەك ئېشىنچا ئاشلىق توپلايدىكەنسىلەر> بىر يىل تېرىغان ئاشلىقىڭلارنى ئۈچ - تۆت يىل يەيدىكەنسىلەر».

  ھويلىدىن جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازى ياڭرىدى. خۇاشى كەنتىمۇ جۇڭگودىكى ئالاھىدە نامرات رايونلارنىڭ بىر كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق» ئاساسەن ھەل قىلىندى، «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تە يەنە نۇرغۇن ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت. بۇ قېتىمقى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى ناھايىتى تەپسىلىي كۆردى.

  11 ياشلىق چېن رۈي ما پېيچىڭنىڭ نەۋرىسى ئىدى، ئۇمۇ بېشىنى قىيسايتىپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاۋاتاتتى. چۈشتىن كېيىن باش شۇجى ئاۋۋال كەنت ئېغىزىدىكى جۇڭيى يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپكە بارغاندا، ئۇ شى بوۋىسىنى كۆرگەنىدى. مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، يەنە شى بوۋىسىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كەلگەن ۋاقتىغا ئۈلگۈردى، خۇشخۇي شى بوۋا ئۇنىڭغا ئازراقمۇ ناتونۇش بىلىنمىدى. شى جىنپىڭ مەكتەپنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:

  «مەكتەپ بىر قىسىم بالىلارنىڭ مەكتەپ يىراق بولۇشتەك قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ياتاق بىناسى سېلىۋېتىپتۇ. ئاشخانىدىكى ئىككى ئۇستام پۈتۈن مەكتەپتىكى 157 ئوقۇغۇچى ۋە 23 ئوقۇتقۇچىغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن، چۈشلۈك تاماقتا تۆت خىل قورۇما، بىر شورپا بار ئىكەن. بىزنىڭ يېڭىدىن نامراتلارنى يۆلەشكە باشلىغان چېغىمىزنى ئەسلىسەم، ھەربىر بالىغا كۈنىگە بىر ئىستاكان سۈت، بىر تال تۇخۇمغا كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويغانىدۇق. ھازىر بىر ۋاق تاماقنىڭ ئۆلچىمى ئالتە يۈەنگە ئۆستى، ئەينى ۋاقىتتىكىدىن خېلىلا موللاشتى. تولۇقلىما بېرىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ يۈكىمۇ يېنىكلىتىلدى. مەن يەنە بىر ئىشقا دىققەت قىلدىم، بالىلارنىڭ ھەممىسى پۇتۇڭخۇادا سۆزلەيدىكەن، بۇ ئوقۇتۇشنىڭ قېلىپلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ».

  كىچىك چېن رۈي ئاڭلاپ توختىماي بېشىنى لىڭشىتتى.

  نامرات ئاھالە جاڭ جيەنفېڭ باش شۇجىنىڭ سول يېنىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانىدى، ئۇ باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ داۋالىنىش - دورا پۇلىنى ھېسابلاپ بەردى. «ئالدىنقى يىلى بۇرۇن، يۇتقۇنچاق راكىغا گىرىپتار بولغانلىقىم ئېنىقلاندى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بېشىمغا كۈن چۈشكەندە ياردەم بېرىپ، 80 مىڭ يۈەننى ئاتچوت قىلىپ بەردى.» ياندا تۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان جۇڭيى يېزىلىق شىپاخانىدىكى جياڭ فېڭ گەپ قىستۇرۇپ مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەنلەردىن جۇڭيى يېزىسىدا يەنە 200 نەچچە ئائىلە بار، بىز سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا ياردەم بېرىش، ئالدى بىلەن دىياگنوز قويۇپ داۋالاپ، ئاندىن ھەق تاپشۇرۇش ۋە ئېغىر كېسەل بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشنى يولغا قويدۇق.

  كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىگە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى: «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پۇقرالارنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بۇ خىل تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كېلەر يىلى تاماملىنىدۇ، خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك...»

  كەچكى شەپەق يېيىلىپ، تاغلىق كەنت خۇددى سۈرەتتەك تۈسكە كىردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، يۇرتداشلار كەنت بېشىغا يىغىلىپ، باش شۇجى بىلەن بەس - بەستە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدى.

  چۇڭچىڭ شەھىرىگە قايتىپ كەلگەندە، يېرىم كېچە بولغانىدى. باش شۇجى يەنىلا تاغلىق كەنتتىكى يۇرتداشلارنى ئەسلەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

  «مۇشۇنداق بىر كەنتنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدە سان بار بولدى. 2020- يىلىنىڭ بېشىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتە 6 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە ۋە 60 نەچچە نامرات ناھىيە قېلىشى مۇمكىن. بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، كېلەر يىلى داۋاملىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلساق، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەمدىكى نامراتلىقنى تەلتۆكۈس تۈگىتەلەيمىز. ھەر جەھەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىزنىڭ ۋەزىپىنى تاماملاشقا بەكلا ئىشەنچىمىز بار!»

   «ئەڭ مۇھىمى بوشاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش»

  4- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن، چۇڭچىڭ. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەتنى باشتىلا ئوتتۇرىغا قويدى:

  «بۇ بىر قېتىملىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىغان سۆھبەت يىغىنى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يەنئەن، گۈيياڭ، يىڭچۈەن، تەييۈەن، چېڭدۇدىن تارتىپ چۇڭچىڭغىچە، مەن 6- قېتىم مۇشۇ تۈردىكى يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتىم. باش تېمىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بولدى، لېكىن ھەرقېتىمدىكى مۇھىم نۇقتا ۋە مەخسۇس تېمىدا ئوخشىماسلىقلار بار. بىز نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى تەكىتلەۋاتىمىز، بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ كۈچەش نۇقتىسىدىمۇ دەل جايىدا بولۇش گەۋدىلىنىشى كېرەك».

  «بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشتا، ئاساسلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ئاران ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت قالغانلىقى، بۇ يىللىق خىزمەتنىڭ تولىمۇ ئاچقۇچلۇق ئىكەنلىكى ئويلىشىلدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، <جەڭ قىلىش ئۇسۇلى>دا دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئوتتۇرا مەزگىلدىكى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكىگە قارىغاندا پەرق بار، بۇ باسقۇچتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى بوشاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش».

  يىغىن مەيدانىدا، كۆپچىلىك ئوچۇق - يورۇق پىكىر بايان قىلىپ، مەسىلىنى كۆپ سۆزلەپ، نەتىجىنى ئاز سۆزلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىلاپ - ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ، مەسىلىگە تېخىمۇ بىۋاسىتە يۈزلەندى.

  «ھازىر يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش ئەھۋالىدا پەرق چوڭمۇ؟» مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇل يولداش يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى تونۇشتۇرغاندا، ئۇ سۆز قىستۇرۇپ سوئال سوراپ تۇردى.

  «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى شۇ جايدىكى دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىدىن بىر ئاز يۇقىرى بولدى. ئەمما تېخى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلمىدى، ئۈچ يىلدا ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ داۋاملىق سوئال سورىدى: «ئىشقا ئاشۇرالماسلىقتىكى سەۋەب نېمە؟ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى مائارىپتا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك، يېزا - كەنتلەردىكى بالىلار پەللىدىن چىقىش سىزىقىدىلا يېڭىلىپ قالسا بولمايدۇ».

  ......

  مەسىلە دەۋرنىڭ ساداسى. كوممۇنىستلار قىيىنچىلىقلارغا دادىل يۈزلىنىپ ئىلگىرىلەشتەك مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە، مەسىلە ئىچىدىن تەرەققىيات ئاچقۇچىنى تېپىپ چىقىشقا تېخىمۇ ماھىر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىزدىكى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىپ، ئېغىر - يېنىك، ئاستا - جىددىي بولۇشنى ئېنىق ئايرىپ، مۇۋاپىق ھەل قىلىش كېرەك، جەزمەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ھەم ھەل قىلىشقا ئىقتىدارىمىز يېتىدىغانلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ تاماملىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ؛ بەزى مەسىلىلەر ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ئىچىدە بىرلا قېتىمدا ھەممە ئىشنى تاماملاش قىيىن، بىراق شارائىت ھازىرلاپ، پىلان تۈزۈپ، چارە - ئامال تېپىپ، باسقۇچلارغا بۆلۈپ تەدرىجىي ھەل قىلىش كېرەك.

  قانچە ئاخىرىغا بارغانسېرى، قىيىن مەسىلىلەرنى شۇنچە يېڭىشقا توغرا كېلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ تېز پۈتتۈرۈشكە ئالدىرىماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، يەنە بىر ئاز ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى قايتا - قايتا تەكىتلىدى. سەمىمىي سۆزلەر دىيالېكتىكا ۋە ئىلمىي مېتودولوگىيەگە، پەلسەپىۋى نۇرلارغا تولغان بولۇپ، كىشىلەر قەلبىدىن بىۋاسىتە چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

  باش شۇجى «كېچىكىپ قېلىش» بىلەن «بالدۇر قايتىش» مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئازراق <كېچىكىپ قالساق> ھېچقىسى يوق، يەنە سالماقنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ، لېكىن <بالدۇر قايتىش>نى تەكىتلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. <بالدۇر قايتىش> ئاسانلا بەسلىشىشنى شەكىللەندۈرۈپ، قوشۇندا خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلىدۇ، تېخىمۇ مۇھىمى ئاسانلا ساختىپەزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنى جەزمەن توسۇش كېرەك. بىزنىڭ بېكىتكىنىمىز 2020- يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش، بۇنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش، جاسارەت بىلەن ئېلىشىش، تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەش، جىددىي ھەربىي يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق ئاندىن تاماملىغىلى بولىدۇ، لېكىن ھەرگىز كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ تۆھپە تالىشىشقا، ساختا تۆھپىكار بولۇۋېلىشقا بولمايدۇ».

  ئۇ «ئۆستۈرۈۋېتىش» بىلەن «تۆۋەنلىتىۋېتىش» مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇل يولداش خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە توختالغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تاپىلىدى: ئىككى خىل خاھىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، بىر خاھىش بىراقلا پۈتتۈرۈش شەكلىدە ئۆز ئالدىغا ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈۋېتىش. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت، بېيىش، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش بىلەن ئوخشىمايدۇ. يەنە بىر خاھىش ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىپ، بالدۇرراق «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش»قا ئالدىراش. بولۇپمۇ بەزى جايلارنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئۆيلىرى قاتمۇقات ھۆددىگە بېرىلگەن، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولمىغان، ئۆلچەمگە يەتمىگەن، بىر - ئىككى يىل ئولتۇرسىلا تورۇس چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋېتىش مەسىلىسىنى چوقۇم قاتتىق تۈزەش، جەزمەن جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىن مەيدانىنىڭ جىمجىتلىقىدىن قەلەم ئۇچىنىڭ قەغەز يۈزىگە سۈركەلگەندىكى شىرتىلدىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولاتتى.

  شىجۇ تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جيەن زېشى سۆز قىلغاندا، شىجۇ ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كەسىپلىرى ئۈستىدە توختالدى. «شىجۇ ناھىيەسى خۇاڭليەن ماكانى، لازا ماكانى، يەنە ھەسەل كۆپ چىقىدۇ. بىز دائىم، خۇاڭليەننىڭ ئاچچىق تەمىگە بەرداشلىق بېرەلىگەندە، مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا ئاچچىق بولۇشتىن قورقمىغاندا، كۈنلىرىمىز ئاندىن ھەسەلدىن تاتلىق بولىدۇ، دەيمىز. بۈگۈنكى كۈندە، شىجۇ ناھىيەسى يەنە يېڭىدىن جۇڭيى دورىسى ماتېرىيالى خۇاڭجىڭ تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇردى. كەنت ئاھالىلىرى يەر ئوبوروت قىلىش ھەققىگە ئېرىشىپلا قالماي، يەنە پايدىنى بۆلۈشۈشكىمۇ قاتنىشالايدۇ».

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلاپ چوڭقۇر ھاياجانلاندى: «بىز <بەش بىر تۈركۈم>نى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇ، يىغىنچاقلىغاندا ئۆز يېرىنىڭ، ئۆز ئادەملىرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نېمە كەم بولسا شۇنى تولۇقلاش، نېمە قىلالىسا شۇنى قىلىش نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، مەنبەدىن يۆلەش دېگەنلىكتۇر».

  ئېگىز تاغلار كىشىلەر ئېقىمىنى، ئەشيا ئوبوروتىنى، ئۇچۇر ئېقىمىنى توسۇپ قويدى، بېيىش يولىنىمۇ توسۇپ قويدى. جيەن زېشى باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا، شىجۇ ناھىيەسى قاتناش قۇرۇلۇشىنىڭ نامرات يېزىلارنى، نامرات كەنتلەرنى قاپلىشىنى ئالغا سىلجىتتى، بۈگۈنكى كۈندە مەمۇرىي كەنتلەردىكى قاتناش راۋانلىقى نىسبىتى %100كە يەتتى.

  «قاتناش بولمىسا، نەزەر دائىرىمۇ بولمايدۇ. مەن ئەينى چاغدا فۇجيەندىكى ۋاقتىمنى ئەسلىسەم، شوۋنىڭغا بارىدىغان يولدا مېڭىش ئىنتايىن تەس ئىدى. يۇرتداشلار چوشقىلىرىنى بېقىپ بەك سەمرىتىۋېتىشكە پېتىنالمايتتى، چۈنكى بەك سەمرىپ كەتسە سىرتقا توشۇپ چىقىرالمايتتى. بىراق يول ئېچىلىپ، ئاپتوموبىللار كىرىۋېدى، تەرەققىيات جانلاندى».

  كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، قاتناش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش... قانچە كۈچەيدىغان ۋاقىتقا كەلگەنسېرى دۇمباقنى شۇنچە قاتتىق ئۇرۇش كېرەك. بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە: پۈتۈن مەملىكەتتىكى 832 نامرات ناھىيەنىڭ 153ى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان، 284ىگە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش باھالىشى قىلىنىۋاتقان. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراققا نەزەر سالغان ھالدا مۇنداق دېدى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ھەم سانغا قاراش، تېخىمۇ مۇھىمى سۈپەتكە قاراش كېرەك. نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، چېكىندۈرۈش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك».

  نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ «مەسئۇلىيەتنى تاشلىماسلىق» «سىياسەتنى تاشلىماسلىق» «ياردەم بېرىش - يۆلەشنى تاشلىماسلىق» «نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى تاشلىماسلىق» كېرەك. جاراڭلىق ئاۋازغا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ئىچكى مەنتىقىسى مۇجەسسەملەنگەن: «نامرات ناھىيەلەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، قېپقالغان نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى داۋاملىق ئورۇنداپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى، ئىزچىللىقىنى ساقلاپ، قازاندىكى قاتلىمىنى قالايمىقان ئۆرۈمەسلىك، ھە دېسىلا قانال ئالماشتۇرماسلىق كېرەك».

   قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سېپىدىكى مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان كادىر، ئامما جۇڭگو مۆجىزىسىنىڭ ئۈن - تۈنسىز ياراتقۇچىلىرى.

  ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشتەك كۈرەش قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ.

  جاڭ جيەنفېڭ خۇاشى كەنتىدىكى كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن كەنت ئاھالىسى. ئۇ پارتىيەنىڭ ياردەم بېرىپ يۆلىگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، باش شۇجىغا قايتا - قايتا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە سىياسەتلەر ھەقىقەتەن ياخشى، مەن تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيمەن!»

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلاپ كۈلدى: «مەنمۇ كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى مۇشۇنداق لوزۇنكىلارنى كۆردۈم، ناھايىتى جانلىق بوپتۇ! بۇ سۆز ئىككى نۇقتىنى چۈشەندۈرىدۇ، بىرى، پارتىيەنىڭ سىياسىتى كىشىلەرنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ئېرىشىپتۇ؛ يەنە بىرى، خەلق ئاممىسى سىياسەتنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرۈپ يېتىپتۇ، بۇ ئۇلارنىڭ كۈرەش روھىنى ئۇرغۇتۇپتۇ».

  نامراتلارنى يۆلەشتە ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش، تېخىمۇ مۇھىمى ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «<يۆلەش> ئارقىلىق <ئىشلەش>كە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك، ھەرگىزمۇ <يۆلەش> ئارقىلىق <ھۇرۇنلۇق>نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا، يول باشقا، مەنزىل باشقا بولۇپ قالىدۇ.» «مەن جۇڭگودىكى نۇرغۇن نامرات رايونغا باردىم، نۇرغۇن نامرات ئائىلىنى يوقلىدىم، ئۇلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا تەشنا كۆزلىرى ۋە جاپا - مۇشەققەتتىن، ھېرىپ - چارچاشتىن قورقمايدىغان كۈرەش روھى كاللامغا چوڭقۇر ئورناپ كەتتى».

  ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنىڭ تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى كۆرگىلى بولاتتى.

  تەن شۆفېڭ جۇڭيى يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى. 30 نەچچە ياشلىق تەن شۆفېڭ نامراتلارنى يۆلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە باش كۆتۈرمەي جاپاغا چىداپ يەتتە يىل ئىشلەپ، داشۆدىكى ساۋاقداشلىرىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان ھاياتلىق يولىنى تاللىدى. ئۇ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر بىز ۋە يېزىدا تۇرۇشلۇق، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر پەقەت ئۈچ قوش دەم ئېلىش كۈنىلا دەم ئالدۇق، ھەر كۈنى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق، بىز شۇنداق دېيەلەيمىزكى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يۈزدەيۈز دەل جايىدا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق».

  ۋۇ دۇڭ چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ چېڭكوۋ ناھىيەسى جوۋشى يېزىسى لياڭفېڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئۇ يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ بېيىش يولى ياساپ، نامراتلىقنىڭ يىلتىزىنى قازدى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تەسىراتى «دېھقانلارنى بېيىتىشتا مۇھىمى ياچېيكىغا تايىنىش.» مۇشۇ يىللاردا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا باشقۇرۇش پائالىيەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، ئالدىن بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارغا ياردەم بېرىش، كېيىن بېيىغانلار ئالدىن بېيىغانلاردىن ئۆگىنىش ئەۋج ئېلىپ ئادەتكە ئايلاندى.

  يەنە چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ فېڭجيې ناھىيەسى پىڭئەن يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى زوۋ يۈەنجېنمۇ بار بولۇپ، باش شۇجى ئۇنىڭدىن يېزىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغاندا، ئۇ كۆڭلىگە پۈككەنلىرىنى راۋان سۆزلەپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدىكى ئىش تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇ ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ سۆزلىدى: «بىز <خەلق ئۈچۈن جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، ئىسسىق قاننى بىپايان زېمىنغا ئاققۇزۇش>تەك ئىنقىلابىي روھقا ۋارىسلىق قىلىپ، <قان - ياش تۆكسىمۇ ئەپسۇسلانماسلىق، جاپا - مۇشەققەتلەردىمۇ قەتئىي تەن بەرمەسلىك>تەك كۈرەش ھالىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىمىز!»

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى كادىرلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئەجرىنى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. مۇشۇ يىللاردا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورگان، دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلاردىكى 3 مىليوندىن ئارتۇق كادىر كەنتتە تۇرۇپ ياردەم بېرىش - يۆلەشكە قاتناشتى، ھازىر ئىش ئورنىدىكى 1- شۇجىلار 206 مىڭ كىشى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر 700 مىڭ كىشى، بۇنىڭغا يېزا - بازارلاردىكى 1 مىليون 974 مىڭ نامراتلارنى يۆلەش كادىرى ۋە نەچچە مىليون كەنت كادىرى قوشۇلۇپ، بىرىنچى سەپتىكى نامراتلارنى يۆلەش كۈچلىرى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «زەربىدار بەن» «پارتلىتىش ماھىرى»غا ئايلىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر يولىنى تۇتاشتۇردى.

  باش شۇجى بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ يېڭى دەۋرىمىزدىكى قەھرىمانلار. بىز ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى، سالامەتلىكى، بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.» «ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە نەتىجە ياراتقان، ئامما ئالقىشلايدىغان كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. كادىرلارنى تەربىيەلەش ئۇلارنى جەڭگاھقا، ئالدىنقى سەپكە ئۈزلۈكسىز ئەۋەتىپ، ئېلىشىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈپ، تايانچ تۈۋرۈككە ئايلاندۇرۇش كېرەك، دېگەنلىكتۇر».

  خۇاشى كەنتىدىكى تەن دېڭجوۋ بۇ يىل چاغاندا مەخسۇس ئادەم تەكلىپ قىلىپ، «تۇرمۇشتا سىياسەتكە تايىنىمىز، كېسەل كۆرسىتىشتە سۇغۇرتىغا تايىنىمىز»، ئوتتۇرىدىكى مىسراسى «كومپارتىيە ياخشى» دەپ چۈنليەن يازغۇزدى.

  60 ياشتىن ئاشقان لاۋ تەن بۇلتۇر ئىشلەمچىلىك قىلغاندا ئېغىر يارىلىنىپ، كارىۋاتتا تۆت ئايدىن كۆپرەك يېتىپ قالدى. «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت 140 مىڭ يۈەن قوشۇمچە ياردەم پۇلى بەردى.» لاۋ تەن بۇ ئىشنى سۆزلىگەندە ھاياجانلاندى: «سىياسەت ياخشى بولمىغان بولسا، قەبرەمدىكى ئوت - چۆپلەرمۇ بويۇمدەك ئۆسۈپ كەتكەن بولاتتى!» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «پارتىيەنىڭ سىياسىتى پۇقرالارغا ياخشى بولسا، ئاندىن ھەقىقىي ياخشى بولغان بولىدۇ» دېدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە خىسلىتىگە گۇۋاھ بولماقتا. «بىز ئىلگىرى ئىنقىلاب قىلغان ۋاقتىمىزدا، كومپارتىيە نامرات، جاپاكەش پۇقرالارنىڭ پارتىيەسى ئىدى، پۇقرالارنى قەد كۆتۈرگۈزۈپ ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەشكە ئاتلىنىشقا ئىرادە باغلىغانىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتىدۇ، بىز كەينىمىزگە قاراپ باقايلى، تۇرمۇشتا قىينىلىۋاتقان پۇقرالار يەنە بارمۇ - يوق؟ ھازىر شارائىتىمىز بار، نامرات ئاممىنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە تېخىمۇ ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت يولىدا بىرمۇ ئادەم چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ، ھەربىر نامرات ئاممىغا ياردەم بېرىپ يۆلىشىمىز كېرەك، مانا بۇ كومپارتىيە.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يەنە پارتىيەمىزنىڭ تارىخقا، خەلققە بەرگەن جاۋابى. ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار ئىز بېسىپ كۈرەش قىلىپ، ناھايىتى كۆپ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرۇپ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بىز جان - دىلىمىز بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، پۇقرالارنىڭ بەختىنى كۆزلەيمىز. يول ناھايىتى ئۇزۇن، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ناھايىتى ئېغىر، بۇ جەھەتتە بىر ئەجىر بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرىدىغان، دەم ئېلىۋالىدىغان ئىدىيە بولماسلىقى كېرەك. پەقەت قەتئىي تەۋرەنمەي، ئېگىلمەي - سۇنماي، قەتئىي بوشاشمىغاندىلا، ئاندىن دەۋرگە يۈز كېلەلىگىلى، خەلقنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققىلى بولىدۇ».

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چۇڭچىڭ، 4- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.