تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش

ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چۇڭچىڭدا رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «پەقەت سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، دىققەتنى <ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش>كە مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچىگەن، چوڭقۇر كۈچىگەندىلا، ئاندىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.» 4- ئاينىڭ 18- كۈنى، جېمىنەي ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر سۇڭ شاۋۋېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جېمىنەي ناھىيەسى باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، دىققەتنى مۇھىم ھالقىلاردا دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىدۇ. تۈرلەرنى كەنت، ئائىلە، ئادەمگە قاراپ پىلانلاپ يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ئاتۇش شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئاتۇش شەھىرى ئازاق يېزىسى تېتىر كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس كادىرى غالىبجان تۇرسۇنجان مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىز ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى، ئىشەنچىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش غەيرىتىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى! ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىردى، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، بوشاشتۇرماي، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ھەربىر نامرات ئاھالىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماي، بالدۇرراق ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، ئائىلە، ئادەمگە قاراپ تەدبىر يۈرگۈزۈپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز».

  4- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كونكرېت پىكرى ۋە تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلدى. ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك كادىرلار ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋۇ جىۋۇ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزگە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.» «دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى نامراتلارنى كەسىپلەر ئارقىلىق يۆلەش ۋە نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىپ، مۇلازىمەت ۋە تەربىيەلەشنى پائال ياخشى قىلىپ، ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يېزا - كەنتلەردىكى ھەمراھ زاۋۇتلار، نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرىدا ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەشكىللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار ئاممىنى كىچىك، مىكرو كارخانا قاتارلىقلارنى قۇرۇشقا يېتەكلەپ ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىپ، كۆپچىلىكنى جاپالىق ئەمگەك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى ۋۇ جىۋۇ.

  «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ياردىمىدە، كەنتىمىز گۈزەللەشتى، پۇقرالار بېيىدى، كەنت ئاھالىلىرى كېسەل كۆرسىتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى، ھەممىسى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، كۆپچىلىكنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىرلىكتە كۈچەپ، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىش ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى» دېدى يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ يوپۇغا بازىرى جاغدا كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە ياسىنجان تۇرغۇن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىپ.

  يوپۇغا ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ پىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، بىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى قەرەلىدە چۆرۈپ تاشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز بار بولدى».

  خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى ۋاڭ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ سۆزى ماڭا مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، زور ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى كۈچەيتتى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولسا، ئاساسىي قاتلامدىكى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى بوشاشماي كۈرەش قىلسا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلسا، بىز چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيمىز».

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شيا چىڭ، جاڭ تىڭ، خې لىڭ، خەن چىنيەن، لى داۋجۇڭ، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن رېن خۇڭفاڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى