تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چېن لاۋچى كەنتىدىكى يېڭى كەيپىيات

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، چىن مېيخۇا، لۈ يىخەن، سۇ شۈەنمىڭ

4- ئاينىڭ 18- كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى چېن لاۋچى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى يېڭىدىن قۇرۇلغان كىچىك سەيلە باغچىسىدا سىرداشماقتا. 2017- يىلىدىن باشلاپ، چېن لاۋچى كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت كارىدورى ياسىدى، كوچىلارنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلىدى، تۆت كىچىك سەيلە باغچىسى قۇردى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چىن مېيخۇا فوتوسى)

  تۇتاش سېلىنغان ئەمىن ئۆيلەر رەتلىك گىرەلەشكەنىدى، تۈپتۈز ئاسفالت يوللار كەڭ ھەم پاكىز ئىدى، بالىلار مەيداندا خۇشال ئويناۋاتاتتى، كەنت ئاھالىلىرى چوڭ لاپاس ئىچىدە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى... مەيىن باھار شامىلى چىقىپ تۇرغان مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاقساقمارال يېزىسى چېن لاۋچى كەنتى يېزا مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن بىر پارچە گۈزەل رەسىمدەك كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.

  ۋاقىت ئىسترېلكىسىنى نەچچە ئون يىلنىڭ ئالدىغا قايتۇرساق، چېن لاۋچى كەنتىنىڭ مەنزىرىسى بۇنداق ئەمەس ئىدى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئارقىدا قالغان بولۇپ، يىل بويى قۇم - بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇراتتى.

  دەۋر ئۆزگەرمەكتە، كەنتلەرمۇ ئۆزگەرمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، چېن لاۋچى كەنتىنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرىپ، ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا.

   بەخت يولى ھەممە ئائىلىگە تۇتاشتى

  «غوڭ، غوڭ، غوڭ...» 4- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتە، كەنتنىڭ ئاساسلىق غول يولىدا موتوسىكلىتلارنىڭ غوڭۇلداپ ئۆتكەن ئاۋازلىرى ياڭرايتتى. شۇ كۈنى يېزىنىڭ بازار كۈنى بولغاچقا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا ماڭغان بولۇپ، قېيۇم روزى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

  سۈرئەت ئاستىلىتىش بەلبېغىدىن ئۆتكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، يول بويى ئانچە قاتتىق سىلكىنىش بولمىدى، قېيۇم ئون نەچچە مىنۇتتىلا بازارغا يېتىپ باردى.

  «ھازىر يېزىمىزنىڭ يوللىرىمۇ شەھەرنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ كەتتى» دېدى قېيۇم ئۆزى ئامراق موتوسىكلىتىنى يەڭگىل ئۇرۇپ قويۇپ.

  قېيۇم بۇ يىل 55 ياشتا، ئۇنىڭ موتوسىكلىت ھەيدىگەن قوللىرى ئىلگىرى ئېشەك ھارۋىسى ھەيدىگەندە قامچا تۇتقانىدى.

  «كەنتتە ئەسلىدە يول يوق ئىدى، ئېشەك ھارۋىسى مېڭىۋەرگەچكە تەبىئىيلا يول پەيدا بولغان»، بۇ ئاشۇ يىللاردىكى چېن لاۋچى كەنتىنىڭ قاتناش شارائىتىنىڭ ئەينەن تەسۋىرى. شۇ چاغدا، ئېشەك ھارۋىسى پەيدا قىلغان يول ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇپ، توپا - چاڭ ئۆرلەپ تۇراتتى، ھەر قېتىم ئېشەك ھارۋىسى بىلەن بازارغا بارغاندا، پۈتۈن بەدىنى سىلكىنىپ ئاغرىپ كەتكەندىن باشقا، ئۈستبېشىنىڭ توپا - چاڭغا مىلىنىپ كېتىدىغانلىقى ھېلىمۇ قېيۇمنىڭ يادىدا.

  كېيىنچە، قېيۇم پۇل يىغىپ بىر توكسىكلىت سېتىۋالدى، ئەمما خۇشال ھالدا ھەيدەپ چىقىشىغىلا، قاتتىق يىقىلىپ چۈشتى. «يولدىكى ئۆلۈك توپا بەك قېلىن بولغاچقا، نۇرغۇن ئورەك بارلىقىنى كۆرەلمەپتىمەن، ئېھتىياتسىزلىقتىن توكسىكلىتىمنىڭ چاقى پېتىپ قالدى» دېدى ئۇ ئەسلەپ. ئامالسىزلىقتىن ئۇ توكسىكلىتىنى «تاشلاپ قويۇپ»، يەنە ئېشەك ھارۋىسىنى تېپىۋالدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا - كەنت يوللىرى قۇرۇلۇشى قېيۇمنىڭ توكسىكلىتىنى ھەيدىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. قارا لېنتىدەك قاتار - قاتار ئاسفالت يوللار كەنتنىڭ تۆت تەرىپىگە سوزۇلۇپ، تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان يول تورىنى شەكىللەندۈردى.

  ياخشى ئاتقا ياخشى ئېگەر كېرەك، ياخشى يولغا ياخشى ئاپتوموبىل. 21 كىلومېتىرلىق ئاسفالت يول تولۇق قاپلاپ، ئۇدۇل ئىشىك ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى. شۇنىڭ بىلەن قېيۇم بۇلتۇر توكسىكلىتىنى موتوسىكلىتقا ئالماشتۇردى.

  ھازىر، قېيۇمنىڭ ئارزۇسى: تىرىشىپ پۇل تېپىپ، ئۆيىدىكى قاتناش قورالىنى يەنە بىر قېتىم يېڭىغا ئالماشتۇرۇپ، پىكاپ ھەيدەش ئىكەن.

  «ھازىر تاشيولدا قاتناش شارائىتى ناھايىتى ياخشى، پىكاپ سېتىۋالغاندىن كېيىن، پۈتۈن شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنى ئايلىنىپ چىقىمەن.» قېيۇم كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يۇرتىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى بۇنچىلىك زور بولغان يەردە، سىرتنىڭ ئۆزگىرىشى چوقۇم تېخىمۇ زور. بۇ ياخشى دەۋرنى ئوبدانراق كۆرۈۋالغۇم بار».

   يېشىللىققا پۈركىنىپ يۇرت گۈزەللەشتى

  كۆچەت تىكىش پەسلىدە، چېن لاۋچى كەنتىدىكى بىر پارچە قاقاسلىقتا كەنت ئاھالىلىرى ئورەك كولاۋاتاتتى. قۇرغاق تۇپراقنىڭ يۈزىنى بىر قەۋەت شور قاپلىغان بولۇپ، ئون نەچچە گۈرجەك قېزىلغاندىن كېيىن ئاندىن نەم تۇپراقنىڭ ھىدى كېلەتتى.

  ئورەكنى كولاپ بولغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىسى ئەمەر ئىمىن پېشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۈرتۈۋېتىپلا، ئاراممۇ ئالماي داۋاملىق ئىشقا كىرىشىپ كەتتى.

  بۇ يەردە، بىر تۈپ كۆچەتنى ئەي قىلىش ئەزەلدىن ئاسان ئىش ئەمەس.

  ئەمەر ئالدىن تەييارلاپ قويغان كۈلنى ئورەككە تۆكۈپ، ئاندىن لاتقا بىلەن كۆچەتنىڭ يىلتىزىنى كۆمۈپ، «يىلتىز تارتقۇزۇش پاراشوكى»نى ئازراق چېچىپ، ئەڭ ئاخىرىدا دەريا قۇمى قۇيۇپ چىڭدىدى. «كۈل تۆكۈشتىكى ئاساسلىق مەقسەت <شوردىن ئايرىش>». ئۇ مۇنداق دېدى: «كەنتتىكى يەرلەرنىڭ كۈچى يوق، شۇڭا لاتقا ۋە <يىلتىز تارتقۇزۇش پاراشوكى>نى قوشقاندا، ئاندىن كۆچەتنىڭ ئەي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ».

  بۇنچە كۈچەپ كۆچەت تىكىش ئەمەر ئۈچۈن ئېيتقاندا تولىمۇ ئەرزىيدىغان ئىش، شامال چىقسىلا، يەر - جاھان قاراڭغۇلىشىپ كېتىدىغان كۈنلەرنى ئۇنىڭ ئەمدى كۆرگۈسى يوق. «ئۈستبېشىمىز توپىغا مىلىنىپ، ئۆي ئىچى مەينەت بولۇپ كەتسىغۇ مەيلى، زىرائەتلەر يېتىپ قالغان، يەردىكى سولياۋ يوپۇقلارنىڭ ئۇچۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈش كىشىنى تېخىمۇ ئازابلايدۇ» دېدى ئۇ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ.

  قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ بىردىنبىر ئۇسۇل كۆچەت تىكىش. ئەمما يولغا قويۇش جەريانىدا، يەنە بىر مەسىلە ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇلدى: كۆچەتنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى بەك تۆۋەن ئىدى. شۇنداق بولۇۋەرگەچكە كەنت ئاھالىسىنىڭ كۆچەت تىكىش قىزغىنلىقىمۇ سۇسلىشىپ كەتكەنىدى.

  يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى − باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرى كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە كۆچەتنى قانداق ئەي قىلىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى؛ مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئەمەلىيلەشتى، ھەر يىلى سېتىۋالىدىغان كۆچەتلەر بارغانسېرى كۆپەيدى.

  كۆچەتلەرنىڭ بىخ ئۇرۇشى بىلەن، كەنتتە قۇم - بوراننى توسۇپ تۇرىدىغان يېشىللىق كۆپەيدى، كەنتتىكىلەر ئىنتايىن خۇش بولۇپ، كۆچەت تىكىش غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى. بۇ يىل ئەتىيازدا، كۆپچىلىك زەربىدارلىق بىلەن بىر ئاي ئىشلەپ، 30 مىڭ تۈپكە يېقىن كۆچەت تىكتى.

  ئازراق شامال چىقىۋېدى، ئەمەر دەسلەپتە سەل ئەندىكىپ، كەينىدىنلا بېشىنى چايقاپ كۈلۈپ كەتتى. بىر تەرەپتە تۇرغان كەنت ئاھالىلىرى ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ، «نېمە بولدى، شامال چىقتى دەپ، ئۆيگە قاچماقچىمۇ؟» دېدى.

  «قاچمىساقمۇ بولىدۇ.» ئەمەر گۈرجەكنى تېپىپ يەرگە پاتۇرۇپ، كۈچەپ بىر گۈرجەك توپا ئالدى، «پەقەت كۆچەتنى يېتەرلىك تىكسەكلا، قېچىشىمىزنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ».

   مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ لەززىتى كۆپەيدى

  يوللار تۇتاشتۇرۇلۇپ، كەنت يېشىللىققا پۈركىنىش بىلەن بىللە، كەنتتىكى مەدەنىيەت مەيدانى، پۇقرالار سەھنىسى، مەدەنىيەت ھويلىسىنىڭ قۇرۇلۇشلىرىمۇ تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلدى.

  4- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتە، قۇياش ئاسماندا پارلاپ تۇراتتى. كەنت ئاھالىلىرى چىرايلىق كىيىنىپ، قوللىرىغا كىچىك قىزىل بايراقلارنى ئېلىپ، خۇشال ھالدا كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئالدىدىكى مەدەنىيەت مەيدانىغا كېلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى.

  ئېسىل نومۇرلار ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرى ھاياجېنىنى باسالماي، سەھنىگە چىقىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى. كىشىلەر ئارىسىدا، ئايگۈل قۇمۇتنىڭ سىيماسى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان 75 ياشلىق ئايگۈل رىتىمغا ئەگىشىپ، قانغۇچە ئۇسسۇل ئوينىدى.

  ئۇسسۇل ئويناش ئايگۈلنىڭ ھەۋىسى. ھالبۇكى، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇسسۇلىدىن پەقەت «ئۆزىلا ھۇزۇرلانغان» ئىدى.

  «چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ ئۆيدىن چىقىپ ئىككى قەدەم ماڭمايلا كىيىملىرىم مەينەت بولۇپ كېتەتتى، ئۇسسۇل ئويناشنى دېمەيلا قوياي.» ئۇ مۇنداق دېدى: «كېيىن ئۆيىمىزدىكى ئۈنئالغۇدا مۇزىكا قويۇپ ئۆزۈم يالغۇز ئۇسسۇل ئوينىدىم.»

  ئىلگىرىكى چېن لاۋچى كەنتى قاتتىق دېتال شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، كەنت ئاھالىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى ئىنتايىن زېرىكىشلىك ئىدى. ھەر كۈنى گۇگۇم چۈشكەندە، پۈتۈن كەنت قاپقاراڭغۇ بولۇپ، ھەممە كىشى ئۆيلىرىگە قايتىشىپ، جىمجىتلىقتىن خۇددى قىشلىق ئۇيقۇغا كەتكەندەك كۆرۈنەتتى.

  خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنىڭ بىر - بىرلەپ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، بۇ كەنت قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى. مەدەنىيەت مەيدانى پۈتكەن كۈنى، ئايگۈل نەۋرە قىزى بىلەن كەچ سائەت 11غىچە ئۇسسۇل ئويناپ، ئاندىن مەمنۇنلۇق بىلەن ئۆيىگە قايتتى.

  «كەنتنىڭ قىياپىتى ياخشىلاندى، پائالىيەت مەيدانى پۈتتى، يىگىتلەر خۇرۇم ئاياغ، قىزلار ئېگىز پاشىنىلىق ئاياغلىرىنى كىيىشىپ، بىر - بىرىدىن مودىلىشىپ كەتتى، بۇنى كۆرۈپ خۇشاللىقتىن كۆڭلۈم گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى» دېدى ئايگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ.

  ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى، مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ھەمدە ھەر كۈنى كەچتە ياڭرىغان ناخشا سادالىرى، لەرزان ئۇسسۇللار، چېن لاۋچى كەنتىنى ھەر كۈنى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرماقتا.

  4- ئايدا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا، يېشىل گۈل - گىياھلارغا پۈركەنگەن بۈگۈنكى چېن لاۋچى كەنتى ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش - ئۆسمۈرلەردەك ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، كىشىلەرگە دەۋرىمىزدىكى مەدەنىيەتلىك يېڭى كەنتنىڭ يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى