تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىمەن

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئېلىجان ئانايەت

  شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. شىنجاڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، ئىسلام دىنى ھەم ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەس، ھەم بىردىنبىر ئېتىقاد قىلغان دىنمۇ ئەمەس. ئەمما، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ تارىخىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيە، تونۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، مىللىي ئارازلىق ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىشتەك رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ۋەتەننى پارچىلاشتەك رەزىل مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى قىلمىشلىرى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭدىن قاتتىق يىرگەندى، دەرغەزەپكە كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ئاتتى، شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەت كونتروللۇقىمىزدا بولغان، ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ۋەتەننى پارچىلاشتەك يامان نىيىتىدىن يانمايدۇ. مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاپەت مەنبەسىنى يىلتىزىدىن يۇلۇپ تاشلىمىساق، «ئۈچ خىل كۈچ»نى پاكىز قېزىپ، تەلتۆكۈس يوقاتمىساق، شىنجاڭدا خاتىرجەملىك بولمايدۇ. بىز چوقۇم كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك رەزىل سۇيىقەستىنى ئېنىق تونۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشنى «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىشتا پوزىتسىيە ئېنىق بولۇش، مۈجمەل بولماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ۋەتەننى پارچىلايدىغان بارلىق سۆز - ھەرىكەتلەرگە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

  جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تازىلاشنىڭ ئاساسى. بىز ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۆز تەقدىرىمىزنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەپ، ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قانچە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغانسېرى، بىز چوڭ ھەق - چوڭ ناھەقنى شۇنچە ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، مۇستەھكەم سىياسىي مەيدانىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق، دىققىتىمىزنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  بىز ھەربىر پارتىيەلىك كادىر «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز، ھەربىر كادىر، ئامما ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى چىڭىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەركەز مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 2 مىليارد 100 مىليون يۈەن يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى نەقلەشتى
  • شىنجاڭدا بۇغداينىڭ بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يېڭىلىنىپ 731.3 كىلوگىرامغا يەتتى
  • يازدا قومۇل مىڭشا تېغىغا بېرىش