شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىپىڭ ناھىيەسى يېشىل تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىلۇڭخۇ كۆلى سۇلۇق يېرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش خاراكتېرلىك ئېچىشنى كۈچەيتىپ، گۈزەل سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ئارام ئالىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلىدى. يىلۇڭخۇ كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى يۈننەن-گۇيجوۋ ئېگىزلىكىدىكى تىپىك سۇلۇق يەر بايلىقىغا تەۋە بولۇپ، جۇجياڭ دەرياسى غەربىي مەنبەسى ئېكولوگىيە توسۇقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.
يۈننەن شىپىڭ: يىلۇڭخۇ كۆلى سۇلۇق يېرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى
مۇھەررىر :
زۇلخۇمار ئابدۇقادىر
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2019/04/23 17:39
يېقىندا،يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ خۇڭخې خانىزۇ-يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شىپىڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان يىلۇڭخۇ كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى باھار تۈسىگە كىرىپ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان، گۈزەل يېشىللىق مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى.
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.