4-ئاينىڭ 17-كۈنى، گۈيجوۋ ئۆلكىسى بىجيې شەھىرى دافاڭ ناھىيەسى ماچاڭ بازىرى بەينى كەنتىدە، ئىشچىلار ئات بىلەن تاغقا مۇنار ماتېرىياللىرىنى توشۇماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: گۈيجوۋ ئۆلكىسى بىجيې شەھىرى ۋېينىڭ 500 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن شېشياڭ 500 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىغىچە بولغان توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى ئېگىز تاغ، چوڭقۇر جىلغىلاردىن ئۆتىدۇ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئاپتوموبىل ئارقىلىق بىر قىسىم قۇرۇلۇش نۇقتىلىرىغا بىۋاسىتە يەتكۈزگىلى بولمايدۇ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ئاتلىق توشۇش ئەترىتىدىن 5نى تەشكىللەپ، 150تىن ئارتۇق ئاتتىن پايدىلىنىپ قۇم-شېغىل، سېمونت، مۇنار ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى تاغقا توشۇپ چىقىپ قۇرۇلۇش قىلدى. بۇ ئاتلىق توشۇش ئەترىتى ۋۇمېڭشەن تېغى توپ تۇتاش نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يولىدىكى بىر مەنزىرە بولۇپ قالدى.
4-ئاينىڭ 17-كۈنى، گۈيجوۋ ئۆلكىسى بىجيې شەھىرى دافاڭ ناھىيەسى ماچاڭ بازىرى بەينى كەنتىدە، ئىشچىلار ئات بىلەن تاغقا مۇنار ماتېرىياللىرىنى توشۇماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
4-ئاينىڭ 17-كۈنى گۈيجوۋ ئۆلكىسى بىجيې شەھىرى دافاڭ ناھىيەسى ماچاڭ بازىرى بەينى كەنتىدە، ئىشچىلار مۇنار ماتېرىياللىرىنى ئېگەرگە مۇقىملاشتۇرماقتا.