مۇخبىرلىرىمىز جاڭ ۋەندې، ۋاڭ چىمىڭ: 4-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 23:00لەر ئەتراپىدا، كۇچا ناھىيەسى چىمەن بازىرى نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتى ئاسمىنىدا گۈزەل ئاي گەردىشى كۆرۈلۈپ، رەڭلىك نۇر ھالقىسى بار نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىنىڭ ئاسمىنىنى يورۇتتى.
مۇخبىرنىڭ ماتېرىياللاردىن ئىگىلىشىچە، «گەردىش» تەبىئەت دۇنياسىدىكى بىر خىل ئوپتىكىلىق ھادىسە ئىكەن. قۇياش ياكى ئاي نۇرى نېپىز ھەم ئاق بۇلۇت (بۇجغۇر بولۇت، بۇجغۇر قات بۇلۇت، بۇجغۇر توپ بۇلۇت)تىن ئۆتكەندە، مۇز كىرىستالنىڭ سۇندۇرۇشىدىن ھاسىل بولغان رەڭلىك نۇر چەمبىرىكى «گەردىش» دەپ ئاتىلىدىكەن. «گەردىش»تىكى رەڭلەرنىڭ تىزىلىش تەرتىپى ئىچى قىزىل تېشى سۆسۈن بولىدىكەن. قۇياش ئەتراپىدا پەيدا بولغان نۇر چەمبىرىكى كۈن گەردىشى، ئاي ئەتراپىدا پەيدا بولغان نۇر چەمبىرىكى ئاي گەردىشى دەپ ئاتىلىدىكەن.
كۈن گەردىشى، ئاي گەردىشىنىڭ ھەممىسى مۇز كىرىستالىنىڭ نۇر سۇندۇرۇشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، كۈن گەردىشى ياكى ئاي گەردىشىنىڭ پەيدا بولۇشى كۆپىنچە ھاۋارايىدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىكەن. ئادەتتە كۈن گەردىشىنىڭ پەيدا بولۇشى يامغۇر يېغىش ئېھتىماللىقىنىڭ چوڭلىقىدىن، ئاي گەردىشى كۆپ ھاللاردا شامال چىقىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىكەن. ئاي گەردىشىدە بەزىدە كەمتۈكلۈك بولسا، كەمتۈك يۆنىلىش شامال چىقىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىدىكەن.