بۇرچىن ناھىيەسى دولايتى يېزىسى بىستېرەك كەنتى موگو يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، قاتار-قاتار رەتلىك تىزىلغان موگۇ خالتىلىرىغا نەزەر سالساق، موگۇ خالىتىسىدىن ئەمدىلا ئۆسكەن يېڭى يۇمران موگۇ مايسىلىرىنى كۆرىمىز. بۇ جايدا، بەزى كىشىلەر «كىچىك موگۇ»غا تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدى، يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆپچىلىكنى بىللە بېيىشقا يېتەكلىدى.
بۇلتۇر 10-ئايدا، كەنت ئاھالىسى سۈن چىڭفىڭ بىلەن لى ئەنلىن ئالتاي ۋىلايەتلىك پوچتا ئامانەت بانكىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىرلىشىپ سەنفېڭ يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، موگۇ تېرىپ بېيىش يولىغا ماڭدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاساسلىق ياپىلاق موگۇ، ياۋا تېرەك موگۇسى تېرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشتى. بازا كۈنىگە 200 كىلوگىرامدىن ئارتۇق موگۇ ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، شۇ كۈنى ھەممىسىنى سېتىپ بولىدۇ، ساياھەت ئاۋات مەزگىلىدە ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ.
«بۇ يىل بىز ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ياردەملىشىپ زاۋۇت بىناسىدىن بىرنى سېلىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، نۆكچە موگۇ، پۇراقلىق موگۇ، مايمۇنباش موگۇ قاتارلىق كۆپ خىل سورتنى يېتىشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور بازارنى قولغا كەلتۈرۈشنى پىلانلىدۇق.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى جىمىڭ.
ئىگىلىنىشىچە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتكەندىن كېيىن، 150 مىڭ موگۇ خالتىسىدىن تەخمىنەن 180 مىڭ كىلوگىرام موگو ئىشلەپچىقىرىپ، يىللىق ساپ كىرىمنى 300 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان، يەنە 20 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن. شۇ چاغدا، «كىچىك موگو» كەنت ئاھالىلىرىگە «زور بەخت» ئېلىپ كېلىدىكەن.
(ماقالىنى ئالتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن جياڭ يېجۈن، ليۇ شياۋبىڭ تەمىنلىگەن)
ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چىكىپ كۆرۈڭ