تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمى يېڭىدىن ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتتى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارى مۇخبىر يۈ گورۈي): 3-ئاينىڭ 31-كۈنى مەملىكەت بويىچە پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ پەسىللىك ئالمىشىشىنى تاماملاپ، يازلىق-كۈزلۈك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بويىچە ئۇچۇش ئەندىزىسىگە ئومۇميۈزلۈك كىردى. بۇ قېتىمقى پەسىللىك ئالمىشىشتىن كېيىن، كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمى ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى-كۆكتوقاي بېرىپ كېلىش لىنىيەسى ئاساسىدا، يېڭىدىن قاراماي-كۆكتوقاي ھەم كورلا-قاراماي-كۆكتوقايدىن ئىبارەت ئىككى بېرىپ كېلىش لىنىيەسىنى كۆپەيتتى، كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمى بىرلا لىنىيە بىلەن خوشلىشىپ، «تۈگۈن+تارماق لىنىيە»دىن ئىبارەت نەچچە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىگە ئىگە بولدى.

  بۇ قېتىمقى يازلىق-كۈزلۈك نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتى پەسىللىك ئالماشتۇرۇپ تەڭشىلىشتىن كېيىن، كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمى جەنۇب ئاۋىياتسىيە ئىجرا قىلىپ ئۇچۇۋاتقان ئۈرۈمچى-كۆكتوقاي بېرىپ كېلىش لىنىيەسىدە يېڭى ئۇچۇش ۋاقتى ئىشلىتىلىدىكەن، يەنىلا كۈندە بىر نۆۋەت ئۇچىدىكەن، يېڭىدىن كۆپەيتىلگىنى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ G54837/8 قاراماي -كۆكتوقاي ئارىسىدا ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى، G4805/6 كورلا-قاراماي-كۆكتوقاي ئارىسىدا ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى بېرىپ كېلىپ ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئىكەن .

  ھازىر، نۆۋەتچى ئايروپىلانلار پەسىللىك ئالمىشىشتىن كېيىنكى كۆپ لىنىيە بويىچە ئۇچۇشقا تايىنىپ، كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمى ئۈرۈمچى، كورلا، قاراماي ۋە كۆكتوقايدىن ئىبارەت تۆت شەھەرنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇردى. كۆكتوقاي ئايرودۇرۇمىدىن قاراماي ياكى كورلىغا ئۇچىدىغان يولۇچىلار، كورلا ۋە قاراماي ئىككى ئايرودۇرۇمنىڭ كۆپ لىنىيەلىك شىنجاڭ ئىچى-سىرتى لىنىيەلىرىگە تايىنىپ، ئۈرۈمچىگە بارماي تۇرۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، جېڭجوۋ، خاڭجوۋ، تيەنجىن، چېڭدۇ قاتارلىق شەھەرلەرگە ئايروپىلان بىلەن بىۋاسىتە بارالايدىغان بولدى.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى