ئۆز خەۋىرىمىز: يېقىندا، كۆكتوقاي ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ دۈرە بازىرى دۈرە كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى دۈرە بازارلىق مەكتەپتە بىر مەيدان نادىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماستىن، خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەكتەپ پۇتبول كوماندا ئەزالىرى ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئۇلارنىڭ كوللېكتىپ ھەمكارلىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ۋە مەڭگۈ ۋاز كەچمەيدىغان روھىنى نامايان قىلدى.
مۇسابىقە مەيدانىدا، ھەرقايسى كوماندا ئەزالىرى ئۆزىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى، مۇسابىقە سەۋىيەسىدىمۇ مەلۇم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. مۇسابىقە ئارقىلىق، مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىلەر پۇتبول تەنھەرىكىتى ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىلىنىپ، پۇتبول ماھارەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈردى.