تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭنىڭ 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، مەكتەپكە كىرىش تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بېسىپ تارقاتقان «ئاپتونوم رايوننىڭ 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، مەكتەپكە كىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 2019- يىللىق ئادەتتىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، مەكتەپكە كىرىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرىش، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى تەلەپ قىلىندى.

   ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

  «ئۇقتۇرۇش»تا ھەرقايسى جايلاردىن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ ۋە پۇقراۋى مەجبۇرىيەت مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرىش سىياسىتىنى دەل جايىدا ئىجرا قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىندى. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەر سالامەتلىك ئەھۋالى تۈپەيلىدىن مەكتەپكە كىرىشنى كېچىكتۈرسە ياكى ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختاپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئىلتىماس قىلىپ، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئاساسلىق ئىسپات قىلىپ ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە مەكتەپكە كىرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، بارغان جايدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر ئاساس قىلىنىپ، ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇشى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلار سانى توشۇپ كەتكەن بولسا، ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پۇقراۋى مەكتەپكە ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ «گوشۆ سىنىپى» «دۇجىڭ سىنىپى» «خۇسۇسىي مەكتەپ» قاتارلىق شەكىللەردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان قانۇنسىز مەكتەپ قۇرۇش ھەرىكىتىنى ئەستايىدىل رەتلەپ تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ھەم قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئاتا - ئانىلار ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلەر ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشقا ئەۋەتمىسە ياكى ئوقۇشتىن توختىتىپ قويسا، قىلمىشى ئېغىر بولغان ياكى جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

   مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئىمتىھانسىز مەكتەپكە كىرىدۇ

  «ئۇقتۇرۇش»تا ھەرقايسى جايلاردىن «مەكتەپ رايون ئايرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇغۇچى يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشقا كىرىش» ئومۇمىي نىشانى بويىچە، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرىش سىياسىتىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى تەلەپ قىلىندى.

  باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتە ئادەتتە تىزىملىتىپ مەكتەپكە كىرىش، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشتە ئادەتتە تىزىملىتىش ياكى نىشانلىق بىۋاسىتە ئۆرلەش ئۇسۇلى بىلەن مەكتەپكە كىرىش قوللىنىلىدۇ، كۈچلۈكلىرى بىلەن ئاجىزلىرىنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، نىشانلىق بىۋاسىتە ئۆرلەيدىغان تولۇقسىز ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، مائارىپ پۇرسىتىنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، مەكتەپكە كىرىش خىزمىتىنى شۇ جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئىمتىھانسىز مەكتەپكە كىرىش بەلگىلىمىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشقا ھەم ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر بىلەن ماس قەدەمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا، ھەرقانداق شەكىلدە مۇددەتتىن بۇرۇن ئەلا ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ قوبۇل قىلماسلىققا يېتەكلەش كېرەك. تىزىملاتقان ئادەم سانى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىن ئېشىپ كەتكەن مەكتەپلەرنى كومپيۇتېردا ئىختىيارىي ئورۇن بېكىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى داۋاملىق كىچىكلىتىپ، 2020- يىلىغىچە تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ «خەلقئارا بۆلۈم» «خەلقئارا دەرسلىك سىنىپى» «چېگرا سىرتىدىكى سىنىپ» قاتارلىق ناملاردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا بولمايدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە، رايون ئىچىدىكى ئوقۇغۇچى سانى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن چوڭ سىنىپلار بار مەكتەپلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش ئەسكەرتىشى بېرىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەسلەپكى يىللىقىدىلا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆلچەملىك سىنىپ ئوقۇغۇچىلار سانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار سانى 56دىن ئېشىپ كەتكەن چوڭ سىنىپلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

   ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇشى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى، بارلىق مەكتەپلەر (پۇقراۋى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بەلگىلەنگەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بىرتۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى كېرەك، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تالىشىش، ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش، رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەلا سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچىنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە تەقسىملەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سان تەقسىم قىلىش نىسبىتىنىڭ %50تىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەم يېزىلاردىكى مەكتەپلەر ۋە ئاجىز مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  2019- يىلىدىن باشلاپ، شىڭلىن سىنىپى، تەنتەربىيەدە ئالاھىدىلىكى بارلار سىنىپى، خۇڭجى سىنىپى، جېنجۇ سىنىپى قاتارلىق ئالاھىدە تۈردىكى سىنىپ تەسىس قىلىش ھەم رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىكار قىلىنىدۇ، خۇڭجى سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى، جېنجۇ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى پەقەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى چەت، يىراق نامرات رايونلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ، رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا، مەركەزلەشتۈرۈپ سىنىپلارغا ئايرىشقا بولمايدۇ.

   «ئوننى قاتتىق چەكلەش» ئىنتىزام تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ

  «ئۇقتۇرۇش»تا ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «ئوننى قاتتىق چەكلەش» ئىنتىزام تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى تەلەپ قىلىندى، يەنى پىلانسىز، پىلاندىن ئاشۇرۇپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەش قاتتىق چەكلىنىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەكتەپ ئۆز ئالدىغا باشقا مەكتەپلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك؛ ئۆز ئالدىغا ياكى جەمئىيەتتىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تاللاشنى مەقسەت قىلغان ھەرخىل ئىمتىھانلارنى تەشكىللەش ياكى جەمئىيەتتىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئۆز ئالدىغا تەشكىللىگەن ھەرخىل ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى ئىشلىتىش قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ ئالدىنئالا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تەشكىللەش، شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئەلا ئوقۇغۇچىلار مەنبەسىنى تاللاش قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ ھۆكۈمەت قۇرغان مەكتەپ بىلەن پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ ئارىلاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى، ئارىلاش سىنىپقا ئايرىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ يۇقىرى سوممىلىق ماددىي مۇكاپات، ساختا تەشۋىقات قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئوقۇغۇچى جەلپ قىلىش قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ ھەرقانداق مەكتەپنىڭ مەكتەپكە كىرىش بىلەن باغلانغان «ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پۇلى»نى ئېلىشى ياكى شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئېلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەرخىل مۇسابىقە گۇۋاھنامىلىرى، ئىلىم - پەن مۇسابىقە نەتىجىسى ياكى ئىمتىھان دەرىجىسى ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەرقانداق نامدا نۇقتىلىق سىنىپ، تېز - ئاستا سىنىپلارنى تەسىس قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى رەتكە تۇرغۇزۇشى، تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرىدىكى ئەليۇلئەلالارنى ۋە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتىنى تەشۋىق قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭمۇ مەكتەپلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئەھۋالىنى رەتكە تۇرغۇزۇشىغا ھەمدە مەكتەپلەرنى باشقا مەكتەپلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلىشىگە بولمايدۇ؛ ئوقۇۋاتقان جايى بىلەن نوپۇس تەۋەلىكى ئوخشاش بولماسلىق، ئوقۇش تەۋەلىكى بولماسلىق، ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشى قاتتىق چەكلىنىدۇ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا رايون ئاتلاپ قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپ ئالمىشىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇش تەۋەلىكىنى يۆتكەپ بېرىش، قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى جايلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، مەكتەپكە كىرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى مۇۋاپىق پەيتتە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرىدىكەن، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ يېرىم - يارتا قىلىش، تاللاپ قىلىش، ئۆزگەرتىپ قىلىش ۋە يۇقىرىنىڭ سىياسىتىگە تۆۋەندە قارشى تەدبىر قوللىنىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان قىسمەن مەكتەپلەرگە قارىتا، بىرى بايقالسا، بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن، بەلگىلىك تەسىر ياكى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغان مەكتەپلەرگە قارىتا، مەكتەپ ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى