تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يارمەھەللە كەنتىدىكى «يېڭى دېھقانلار»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جياڭ رىخۈي، بەي جىيۈ، ليۇ يى، جوۋ پېڭ، ياڭ ۋېي

  يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى كەيپىيات ئەنئەنىۋى يېزىلارنىڭ قىياپىتىنى زادى قانداق ئۆزگەرتىۋاتىدۇ؟ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسى يارمەھەللە كەنتىدە دەسلەپكى جاۋابقا ئېرىشتۇق.

  قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بۇ كىچىك كەنتنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگىلى بولاتتى. دەل يېڭىلىقنى سىناپ كۆرۈشكە جۈرئەت قىلغان «يېزا - كەنت قابىللىرى» بولغاچقا، كەنتتە ھەر خىل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن: ئېتىزدىكى ئۆزگەرمەس زىرائەتلەر ئۆزگەردى، تېرىقچىلىق ئۇسۇلى ئۆزگەردى، ھەتتا دېھقان بولۇشتەك بۇ كەسىپمۇ يېڭى مەزمۇنغا ئىگە بولدى.

  بازار ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىش

  4- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يارمەھەللە كەنتىدە دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. ئەمەت تۇرسۇننىڭ باشقۇرۇشىدىكى بېدىلىكتىن ھوسۇل ئېلىنىشقا باشلىدى. يېڭى بېدە كۆكلىرى يۇيۇش، ئوراش - قاچىلاش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئۈرۈمچىگە يەتكۈزۈلۈپ، كىشىلەرنىڭ ئەتىيازلىق تاماق تىزىملىكىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

  «3- ئايدا، ئەگمە پارنىكتىكى بېدە كۆكلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تېرىپ، مەركەزلىك بازارغا سېلىش ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالمىدۇق، ھەر كىلوگىرامىنى ئون يۈەنگە ساتتۇق.» ئەمەتنىڭ گەپ - سۆزىدىن خۇشاللىقى چىقىپ تۇراتتى. بۇ يىل ئۇ پارنىكتا ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ۋاقىت پەرقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك پايدىلىنىپ، يەنە ئازراق پۇل تاپتى.

  ياڭاق ئۆستۈرۈش ئاساس قىلىنىدىغان يارمەھەللە كەنتىدە ئەمەتنىڭ تىجارەت تەپەككۇرى باشقىلارغا ئوخشىمايتتى.

  2010- يىلىدىن ئىلگىرى، ئەمەت تەرەپ - تەرەپكە چېپىپ يۈرىدىغان ياغاچچى ئىدى. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ ياغاچچىلىقتىن ۋاز كېچىپ، كەسپىي دېھقان بولدى.

  «ياغاچچىلىقنى تاشلىغاندىن كېيىن، تۇنجى قىلغان ئىشىم ئۆرۈك كۆچىتى تىكىشنى ئۆگىنىش بولدى ھەم 75 مو ئۆرۈكلۈك باغنى ھۆددىگە ئالدىم.» ئەمەت مۇنداق دېدى: پەقەت تىكىشنىلا بىلىپ، باشقۇرۇشنى بىلمىگەچكە، ئىشچىلار ئۆرۈكنى ئۈزگەندە كالتەك بىلەن ئۆرۈك دەرىخىنى قېقىپ، نۇرغۇن ئۆرۈك زېدە بولۇپ، بازارغا كىرمەي تۇرۇپلا سېسىپ كەتتى.

  يېڭىلگىنىگە تەن بەرمىگەن ئەمەت سەۋەبىنى ئىزدەشكە باشلىدى ھەم مۇتەخەسسىسلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ پەلەي كىيىپ ھەربىر تال ئۆرۈكنى ئاۋايلاپ ئۈزدى، سودىگەر تەكلىپ قىلىپ مەخسۇس ئورالما ساندۇقى لايىھەلەتكۈزدى، مۇددەتتىن بۇرۇن سېتىش يوللىرىنى ئالاقىلەشتى ۋە كېڭەيتتى... ئۆرۈكلۈك باغنى ھۆددىگە ئالغان تۆتىنچى يىلى، ئۆرۈكلۈك باغدىن ئاخىر پايدا ئېلىپ، يولى بىردىنلا ئېچىلدى.

  ئۆرۈكلۈك باغدىن پايدا ئالغان ئەمەت بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمىدى، ئۇ ئۆرۈكنى سېتىش جەريانىدا ئەتىيازدا بېدە كۆكىنىڭ بازاردا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بايقاپ، كەنتتە يەرنى داۋاملىق ھۆددىگە ئېلىپ، بېدە تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىش قارارىغا كەلدى.

  ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆتكۈر نەزەر بىلەن پۇرسەتنى تۇتۇش كېرەك. ھازىر كەنتتىكى 230 مو بېدىلىك ۋە 75 مو ئۆرۈكلۈك باغنى باشقۇرىدىغان ئەمەت ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئالتە ئەزانى باشلاپ پۈتۈن كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

  ماشىنا ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش

  ئەمەت بېدە كۆكىدىن مول ھوسۇل ئېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقاندا، كەنتتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ماھىرى مەخمۇت ئالىممۇ تىراكتورنى ھەيدەپ، مەتسىدىق ئەيسا بوۋاينىڭ قوناقلىقىدا يەر ھەيدەۋاتقانىدى، ساپان تىراكتورنىڭ سۆرىشى بىلەن بىردەمدىلا قالايمىقان يەرلەرنى يۇمشاق، رەتلىك قىلىپ ئاغدۇرۇپ چىقتى.

  مەتسىدىق ياشىنىپ قالغان بولۇپ، ئائىلە شارائىتىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى، بالىسى سىرتتا خىزمەت قىلاتتى، ئۈچ مو يەر ئۇنىڭغا خېلى ئېغىر يۈك بولۇپ قالغانىدى. «ئۇ ياردەم قىلمىغان بولسا، دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى بولاتتى.» مەتسىدىق مەخمۇتتىن ئىزچىل مىننەتدار ئىدى. مەخمۇت ئۇنىڭغا ئىشلەپ بەرگەندە، پەقەت تەننەرخ ھەققىنىلا ئالدى، بۇ سىرتتىكىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىدى.

  «100 مو يەرنى تۈزلەش ئۈچۈن، ئىلگىرى 30 ئادەم ئۇدا ئۈچ كۈن ئىشلەيتتى، ئەمما يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ماھىرى تىراكتور بىلەن ئىككى سائەتتىلا مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ» دېدى مەخمۇت پەخىرلەنگەن ھالدا.

  مۇشۇ يىللاردا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى يارمەھەللە كەنتىدە تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتى، ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا كەڭ قوللىنىلىشقا باشلىدى. 20يېشىدىن باشلاپ تىراكتور ھەيدەشنى ئۆگىنىپ، 15 يىل تىراكتور ھەيدىگەن مەخمۇت دادىسىغا ئوخشاش ھۆرمەتكە سازاۋەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ماھىرى بولۇشقا ئىرادە باغلىدى.

  «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ماھىرىمۇ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىشى، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئىشەنچىگە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.» مەخمۇت: كەنتتىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. ئادەتتىكى كۈنلەردە، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنتتىكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ماشىنىلاشتۇرۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بېرىدۇ، پۇل تاپمىسىمۇ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىدىيەسىنى ئۇلارغا ئۆگىتىدۇ.

  كەسىپ ئارقىلىق پايدىنى ئاشۇرۇش

  يارمەھەللە كەنتىدىكى ياڭاق ئۆستۈرۈش ئاھالىسى ئىچىدە رەجەپ ھاشىمنىڭ ئىسمى تەكرار تىلغا ئېلىندى، ئۇ كەنتتىكى تۇنجى ياڭاق ۋاسىتىچىسى ئىكەن. ئۇ مۇشۇ ئىشنى قىلغاندىن بۇيان، كەنتتىكى ياڭاقلارنىڭ سېتىلىشى كاپالەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ياخشى باھادا سېتىلىدىغان بوپتۇ.

  ئۇچىسىغا تولا يۇيۇلۇپ ئۆڭۈپ كەتكەن چاپان، پۇرلىشىپ كەتكەن ئىشتان، شەكلى ئۆزگىرىپ لاي بولۇپ كەتكەن خۇرۇم ئاياغ كىيگەن... رەجەپنى تۇنجى ئۇچراتقاندا، ئۇنى ياڭاق ۋاسىتىچىسىدىن ئىبارەت ئەتىۋارلىق كەسىپ بىلەن باغلاش قىيىن ئىدى.

  2014- يىلىدىن ئىلگىرى، رەجەپ سېپى ئۆزىدىن ياڭاق ئۆستۈرۈش ئائىلىسى ئىدى. بىراق، يىلمۇيىل ياڭاق ئۆستۈرۈش، ياڭاق سېتىش جەريانىدا، رەجەپ تۇيۇقسىز نۇرغۇن كىشى شۇنچە يىراق جايدىن كەنتكە كېلىپ ياڭاق يىغىۋالىدىكەن، مەن نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ئىشنى قىلىپ باقمايمەن؟ دەپ ئويلىنىپ قالدى. شۇ يىلى 9- ئايدا، رەجەپ ياڭاق سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى.

  دەسلەپكى چاغلاردا، رەجەپ ياڭاق سودىسىدا كۆپ زىيان تارتتى، مالنى يىغىۋالالمايدىغان، يۇقىرى باھادا ئېلىپ، تۆۋەن باھادا ساتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بەزىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىراق ئۇ: مۇشۇ ئىشنىڭ تامىقىنى يېگەن ئىكەنمەن، بىر - ئىككى قېتىم بۇرنۇمغا يېمەي، دەسمايىدە زىيان تارتماي، ئازراق ئوقۇش خىراجىتى تۆلىمەي تۇرۇپ ھەقىقىي ماھارەت ئىگىلىيەلەيتتىممۇ! دەپ ئويلىدى.

  رەجەپ تەدرىجىي ھالدا بىر يۈرۈش تىجارەت يولىنى تاپتى: باشقا كەنتتىكىلەر 7.5 يۈەندىن سېتىۋالسا، ئۇ سەككىز يۈەندىن سېتىۋالدى، ئەگەر بىرەرسى پۇلغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولسا، تېخى پىشمىغان، شاختا تۇرغان ياڭاقنىمۇ ئۇ ئالدىن سېتىۋالدى. «ئىشقىلىپ ھەممىمىز بىر كەنتتىكى كىشىلەر، پۇلنى تەڭ تاپساق ياخشى ئەمەسمۇ» دېدى رەجەپ.

  ئاستا - ئاستا تېخىمۇ كۆپ كىشى رەجەپ بىلەن سودا قىلىشنى خالايدىغان بولدى، بەزى كەنت ئاھالىسى ھەتتا رەجەپنى ئالدىن ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنى ئۆز يېرىدىكى ياڭاقنى سېتىۋېلىشقا تەكلىپ قىلىدىغان بولدى. مال مەنبەسىدىن غەم قىلمايدىغان بولغاندا، رەجەپ يەنە ياڭاقنىڭ قوشۇلما قىممەت ھالقىسىنى ئويلاشقا باشلىدى. ئۇ ئايرىپ تاللاپ، يۇيۇپ بولغاندىن كېيىنكى ياڭاقنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى بەش - ئالتە مو ئارتۇق ساتقىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، چىشىنى چىشلەپ، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بىر ياڭاق پىششىقلاش زاۋۇتى قۇردى.

  «بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ ياڭىقىنىڭ سورتى ياخشى، سىرتتىن كەلگەنلەر مەندىن ياڭاق ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن ياخشى باھادا ساتالماسلىقتىن غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ.» رەجەپ مۇنداق دېدى: ھازىر ياشلارنىڭ ھەممىسى ئالاقە تورىنى بىلىدۇ، مەنمۇ ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كەلگۈسىدە تور دۇكىنى ئېچىپ، كەنتتىكى ياخشى نەرسىلەرنى شەھەرلىكلەرگە بىۋاسىتە سېتىشنى ئويلاۋاتىمەن.

  شۇنداق قىلىپ، يارمەھەللە كەنتىدىن ئىبارەت نوپۇسى ئاران 1600 كىشىدىن ئاشىدىغان بۇ كىچىك كەنتتە، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىرقانچە، ئون نەچچە، نەچچە ئون كىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىكتىن زورىيىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشتەك تەرەققىيات يولىغا ماڭدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى