تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

«ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 17- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا، پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە خەلق ئىشلىرى خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تەتقىق قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ تۇتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ جەڭگە ئاتلىنىپ، 14 توپ تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايوننى تولۇق ئايلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش تارىخىدىكى شانلىق سەھىپىنى پۈتتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىرگەن پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋۇلىڭشەندىكى توپ تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايونلارغا يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر چۆكۈپ، نامرات ئاممىنى يوقلاپ، ھال سوراپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالىيجاناب داھىيلىق خىسلىتى، خەلققە باغلىغان سەمىمىي رىشتىسى، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرگە نەمۇنە ۋە ئۈلگە بولدى. ھەقىقىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتى ئىلمىي ئانالىز قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاجىز ھالقىلار چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش، بۇ يىل، كېلەر يىلى ئىككى يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، نىشان ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە يادرولۇق كۆرسەتكۈچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكە ۋە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىق، ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك، كۆزلىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىلىق قىلماسلىق، ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىك، سۈپەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك كېرەك؛ ھەم ئالدىغا ئۆتۈۋالماي، ھەم قەستەن كەينىگە سۆرىمەي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېغىر نامراتلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، نىشانلىق داۋالاپ، كەشتە تىكىش ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، قىيىن ئۆتكەلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىيىنىغا ھۇجۇم قىلىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە مەخسۇس كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش؛ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، چېكىنىپ چىقىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باشتىن - ئاخىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان، ياخشى قىلىدىغان بىر مەيدان قاتتىق جەڭ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى قاتتىق ۋەزىپە سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، شەھەر، ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار بىرلىكتە تۇتۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى تۇتۇپ، باشقۇرغۇچى مەسئۇل يولداشلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ھەرقايسى ساھە، تارماقلار بارلىق كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش كېرەك. خىزمەتنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىنى، سىياسەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ مەسئۇلىيەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ سىياسەتنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ ياردەم بېرىش - يۆلەشنى چۆرۈپ تاشلىماسلىق، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىسىمۇ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چۆرۈپ تاشلىماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  بەشىنچى، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈم - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەشتىكى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، ياخشى بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.