2019-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئاۋزان جىلغىسى ئورمان باغچىسىدىكى قىيالىقتا چېچەكلىگەن ياۋا ئۆرۈك دەرەخلىرى.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر يۈەن يۈلۇڭ، فېڭ لەن): ئاۋزان جىلغىسى كوگۇرچىن تېغىدىكى بىر گۈزەل تاغ جىلغىسى بولۇپ، ئەتىيازدا جىلغىدىكى جىرغىلاڭ دەرياسىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ ماڭغاندا، قىيالىقتا ئېگىز-پەس گىرەلىشىپ كەتكەن ياۋا ئۆرۈك دەرەخلىرىنىڭ چېچەكلىگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، باھار شامىلىدا قىيالىقتا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئۆرۈك دەرەخلىرى چېچەك ھىدىنى ھەر تەرەپكە تارىتىپ، قۇياش نۇرىدا چاقناپ، گۈزەللىكىدىن دىللارنى يايرىتىپ، بارلىق غەم-قايغۇلارنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ.