تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش] سۈرەتخانا ئاچا-سىڭىللىق رىشتىنى باغلىدى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى (مۇخبىر سۇڭ جيەنخۇا خەۋىرى): كىيىم سىناش، نۇر بېرىش، سۈرەتكە تارتىش... 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى يۇڭشياڭ كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خۇايۈ مەھەللىسىدىكى «بىر ئائىلە كىشىلىرى» سۈرەتخانىسىدا، دۇكان ئىگىسى خانئاي مىجىت ئالدىراش بىر كۈنىنى باشلىدى. 

  دۇكان ئون نەچچە كىۋادرات مېتىر بولۇپ، سۈرەتكە تارتىش، سۈرەت يۇيۇش ۋە بېسىش قاتارلىق مۇلازىمەتلىرى بار ئىدى، شۇ كۈنى خېرىدارلار ئارقا-ئارقىدىن كەلدى.

  48 ياشلىق خانئاينىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزىنىڭ بۇ سۈرەتخانىنى ئاچالىشى سىڭلىسى، يەنى خۇايۈ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما گۈيخۇانىڭ ياردىمى بىلەن بولغان ئىكەن، دەل مۇشۇ سۈرەتخانا ئۇنىڭ بىلەن سىڭلىسىنىڭ ئاچا-سىڭىللىق مېھرىنى باغلاپتۇ.

      خانئاينىڭ يولدىشى تاشيول سىستېمىسىدا ئىشلەيدىغان بولۇپ، خانئاي ئائىلىدە بالىغا قارايتتى. 

  بۇنىڭدىن بۇرۇن، خانئاي بىر كىچىك دۇكان ئېچىپ، كىرىمىنى ئائىلىسىنىڭ چىقىمىغا خىراجەت قىلدى، بالىلىرىنى باقتى، بىراق خېرىدارلارنىڭ كۆپ بولماسلىقى سەۋەبىدىن تىجارىتى ئىزچىل ياخشى بولمىدى، ئۇ دۇكاننىڭ تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ يەنە نېمە قىلالايدىغانلىقىنى بىلەلمىگەنىدى.

  2016-يىلى، خانئاي ما گۈيخۇا بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. خانئاي مۇنداق دېدى: قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغاندىن كېيىن، تۇرمۇشۇمدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم كۆپەيگەندەك ھېس قىلدىم، كۆڭلۈمدە يۆلەنچۈكتىن يەنە بىرى كۆپەيدى.

  خانئاينىڭ كەسىپنى كېڭەيتىش ئويىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ما گۈيخۇا مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى يىغىپ خانئاي ئۈچۈن چارە-تەدبىر كۆرسەتتى.

  ما گۈيخۇا مۇنداق دېدى: خانئاينىڭ دۇكىنى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئەتراپىدا بولغاچقا، بېسىش ۋە سۈرەتكە تارتىش كەسپىگە بولغان ئېھتىياج بىر ئاز يۇقىرى، كۆپچىلىك بىردەك ماگىزىننى سۈرەتخانا قىلىپ ئېچىش ۋە بېسىش كەسپىنى قوشۇمچە قىلىش تەكلىپىنى بەردۇق. 

  خانئاينىڭ ئېيتىشىچە، سىڭلىسىنىڭ دېگىنى ئورۇنلۇق بولغاچقا، ئۇ دۇكاننى دەرھال سۈرەتخانىغا ئۆزگەرتىپتۇ.

  خانئاينىڭ سۈرەتخانا ئېچىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، ما گۈيخۇا مەھەللىدىكى سۈرەتكە تارتالايدىغان، سۈرەت بىر تەرەپ قىلالايدىغان ۋە بېسىپ چىقىرالايدىغان خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، خانئايغا قولمۇقول ئۆگەتتى.

   «مەن سۈرەتكە تارتىشنى بىلمەيتتىم، سىڭلىم بىلەن خىزمەتچى خادىملار ماڭا  كۇەيمېن،  نۇر چەمبىرىكى ۋە بەدىئىي تۈزۈلۈشنى تەڭشەشنى قولمۇقول، قايتا-قايتا ئۆگەتتى، مەن ئۆگىنەلمەي زېرىككەن ۋاقتىمدىمۇ سىڭلىم يەنىلا كۈلۈپ تۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم كېلەيلى، دېدى.» دېدى خانئاي.

  ھازىر، خانئاي ھەر ئايدا مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ، بۇ ئىلگىرىكى كىچىك دۇكان كىرىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

  سۈرەتخانا مەھەللىگە يېقىن، خانئاي دائىم ئۆيىدە تاماق قىلىپ ما گۈيخۇا بىلەن مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ. ما گۈيخۇانىڭ ئوغلى بىلەن خانئاينىڭ ئىككىنچى ئوغلى تەڭتۇش بولۇپ، ئىككىلىسى تەنتەربىيەنى ياخشى كۆرگەچكە، ئۇلار ھازىر ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى.

  ما گۈيخۇانىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزى ئالدىراش، ئوغلىغا قارايدىغان ئادەم يوق ۋاقىتلاردا، خانئاي تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىنى دۇكانغا ئەكىلىپ، ئىككى بالىنى بىرلىكتە تاپشۇرۇق ئىشلىتىپ، بىللە ئوينىتىدىكەن.

  بۇلتۇر، كۈتۈلمىگەندە خانئاينىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ سۆڭىكى سۇنۇپ كەتتى، ما گۈيخۇا ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ خەلق ئىشلىرى قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى، ئاخىرىدا ئۇ پەقەت 700يۈەنلا خەجلىدى.

  خانئاينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىقتا ھەممىدىن مۇھىمى سىردىشىش بولۇپ، سۈرەتخانا ئۇنىڭ سىڭلىسى بىلەن سىردىشىشىدىكى كۆۋرۈك ئىكەن، ئۇ ما گۈيخۇا بىلەن سىردىشالايدىغان بىر جۈپ ياخشى ئاچا-سىڭىللاردىن بولۇپ قاپتۇ.

ئەسلىي ماقالىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى