تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن

نىيە ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تۇرغۇن ئابلا

  «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ئاممىنى ئالداپ، قايمۇقتۇرۇپ، مىللىي ئارازلىق ۋە ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى. «ئۈچ خىل كۈچ» ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى توسالغۇ، جەزمەن قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، جەزمەن رەزىللىكنى تولۇق تۈگىتىش كېرەك.

  نۆۋەتتە، كەسكىن، مۇرەككەپ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى ئۆزۈمنىڭ ئەڭ ئالىي بۇرچى قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان پارتىيەلىك كادىرلاردىن بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىمەن، ئەخلاق - پەزىلەتنى ئەلا بىلىمەن، نەمۇنىچىلاردىن بولىمەن. ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەيمەن.

  مەن باشتىن - ئاخىر مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئۈلگىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىغا تەسىر كۆرسىتىمەن ۋە تۈرتكە بولىمەن. ئىتتىپاقلىشىپ دوستانە ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق بولغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى پائال يارىتىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەڭگۈ كۈرەش نىشانى قىلىپ، مەڭگۈ بوشاڭلىق قىلمايدىغان روھىي قىياپەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى