تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 16 مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى ئاچتى

كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر نامراتلىق قورغىنىغا قەتئىي ھۇجۇم قىلىش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 16 مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئالدىنقى باسقۇچتىكى كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ئەھۋالى خۇلاسىلەندى، كېيىنكى قەدەمدىكى كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىلىرى كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «قىشلىق ھۇجۇم» بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشتە باسقۇچلۇق ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم، زور پۇرسەت بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، تۈزىتىشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۆنىلىشتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، «توققۇز ئېنىق بولۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جان تىكىش»تەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە جاسارەت بىلەن، ئېغىر نامراتلىق قورغىنىغا قەتئىي ھۇجۇم قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىستىلنى ياخشىلاشتا قۇرۇق بولماسلىق، يۈزەكى بولماسلىق كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈزىتىپ، تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، جەريانىنىڭ پۇختا، نەتىجىسىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بوشاشتۇرماي، قويۇۋەتمەي قاتتىق تۇتۇش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركىزىي نۇقتىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، كۈچنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، 16 مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسىدىكى قابىل كۈچلەرنى تەشكىللەشنى دائىملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، خىزمەتلەرگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، كەسىپ جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر مەسىلە، بىر مەسىلە بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، بىر تۈگۈن، بىر تۈگۈن بويىچە ئالغا سىلجىتىشنى تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى