تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەمەتنىڭ ئۈچ قېتىم ئۆي كۆچۈشى

شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاڭ جىلى، لى رۈي، ۋاڭ چىمىڭ، جاڭ ۋەندې

4- ئاينىڭ 13- كۈنى، مەمەت ھاپىز(ئوڭدا) ئۆي كۆچمەكتە.
(شىنجاڭ گېزىتىنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى رۈي فوتوسى)

  ئەگەر دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولمىغان بولسا، مەمەت ھاپىز ئۆي كۆچۈش تەنتەنىسىنى تېخىمۇ داغدۇغىلىق قىلغان بولاتتى.

  بۇ، كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرى نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدە يېرىم ئۆمۈردىن كۆپرەك ياشىغان مەمەتنىڭ ئۈچىنچى قېتىم ئۆي كۆچۈشى ئىدى. قوشنىلار كېلىپ ياردەملەشتى، ئۇ ئالايىتەن يېڭى كىيىم كىيىپ، يېڭى ئۆيىگە ئالغان ئۆي جاھازلىرى ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تونۇشتۇردى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بەخت تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

   ئۆي بارغانسېرى ئازادىلىشىپ كەتتى

  4- ئاينىڭ 13- كۈنى ئەتىگەندىلا، مۇخبىرلار مەمەتنىڭ يېڭى ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭدىن يېڭى ئۆيىنىڭ قانداقلىقىنى سورىدى، ئۇ توختىماي: ياخشى، ياخشى، دېدى.

  بۇلتۇر، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ياردىمىدە، نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدە 56 يۈرۈش تۇتاش كەتكەن ئەمىن ئۆي سېلىندى، ئۆگزىلىرى قىزىل، تاملىرى ئاق بۇ ئۆيلەرنىڭ ئالدى ھويلىسىدا ئۈزۈم بارىڭى، ئارقا ھويلىسىدا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق رايونى بار ئىدى، ئۆيلەر كۆركەم، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولۇپ، كەنتتىكى بىر يارقىن مەنزىرىگە ئايلانغانىدى.

  ئەمىن ئۆيلەرگە نامرات ئائىلىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شۇنداقلا كەنتتىكى باشقا ئاھالىلەرگىمۇ كۆچۈپ كىرىش پۇرسىتى بېرىلدى. «ھەرقانداق ئادەم تىزىملىتىپ سېتىۋالسا بولىدۇ، ئۆي شەكلى ۋە قۇرۇلۇش كۆلىمىنى ئۆزى تاللايدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق سىياسەت خاراكتېرلىك ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ» دېدى مەمەت.

  20- ئەسىرنىڭ 60- ، 70- يىللىرىدا، نىڭبو - كۇچا ئىتتىپاقلىق كەنتىدىكى ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى پاكار، ئاددىي كېسەك ئۆيلەر بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى يېڭىدىن كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندا گەمىدىمۇ ئولتۇرغانىدى، 1979- يىلى، توي قىلىپ نوپۇسىنى ئايرىشقا تەييارلانغان مەمەتنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئۆي سېلىشىغا توغرا كەلدى. «بىر يىل ئۆي سېلىش ئۈچۈن ئون يىل ياغاچ تەييارلاشقا توغرا كېلەتتى»، ياغاچ ماتېرىياللىرى بولمىغاچقا ئۇنىڭ بېشى قاتقانىدى.

  «كەنتىمىز چۆل - باياۋانغا قۇرۇلغان، كۆچەتلەرنى ئەمدىلا تىككەن تۇرساق، نەدىمۇ ياغاچ ماتېرىياللار بولسۇن؟» دېدى مەمەت. ياخشى يېرى، كەنتتە «بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىدىغان» ئەنئەنە بار بولۇپ، ئۇ كېسەك تام ئۈستىنى يۇرتداشلار بەرگەن كونا ياغاچلار، ئىنچىكە ياغاچ ماتېرىياللىرى بىلەن ياپتى، ئاندىن ئۆگزىگە ئوت - چۆپ ۋە لاي يېيىتقاندىن كېيىن يېڭى ئۆي پۈتتى.

  بالىلارنىڭ بىر - بىرلەپ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ھەمراھ بولغان بۇ كېسەك ئۆيلەر بارغانسېرى ھەم كىچىك، ھەم كونا بىلىندى.

  2007- يىلى، مەمەت كېۋەز تېرىپ ۋە كالا بېقىپ يىغقان پۇلىغا 100 كىۋادرات مېتىرلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆي سالدى.

  «ئەسلىدىكى ئۆيىمىزدە بوران چىقسىلا يۈرەكئالدى بولۇپ كېتەتتۇق، ئۆگزىنىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىدىن ئەنسىرەيتتۇق، ھازىر ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ.» ئىككىنچى قېتىم ئۆي كۆچكەندە، مەمەت خۇشال ھالدا خوتۇنىغا شۇنداق دېدى.

   ئۆي كۆچۈش بارغانسېرى ئاسانلاشتى

  بىرىنچى قېتىم ئاتا - ئانىسىنىڭ كېسەك ئۆيىدىن ئۆزىنىڭ كېسەك ئۆيىگە كۆچتى؛ ئىككىنچى قېتىم كۈندىن - كۈنگە كونىراپ كېتىۋاتقان كېسەك ئۆيدىن خىش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيگە كۆچتى؛ ئۈچىنچى قېتىم خىش - ياغاچ قۇرۇلمىلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيدىن زامانىۋى رامكا قۇرۇلمىلىق ئەمىن ئۆيگە كۆچتى. مەمەتنىڭ ھەر قېتىم كۆچكەن ئۆيىنىڭ ئارىلىقى بىر كىلومېتىرغا يەتمىسىمۇ، ۋاقىت ئارىلىقى 20 يىلدىن ئېشىپ كەتكەنىدى.

  ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق ئۆي كۆچكەندىكىگە ئوخشاش، مەمەتنىڭ قولۇم - قوشنىلىرىنىڭ ھەممىسى كېلىپ ياردەملەشتى. ئۆي كۆچۈش رەتلىك، تەرتىپلىك بولدى، كۈلكە - چاقچاقلاردىن ئازادىلىك چىقىپ تۇراتتى.

  ۋاڭ زىمېي، ۋاڭ مىڭيىن، خەنىساخان قۇربان قاتارلىق قوشنىلار تىراكتور، ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتلارنى ھەيدەپ مەمەتنىڭ كونا ئۆيىگە بالدۇرلا كېلىپ ساقلاپ تۇردى. مەمەت بىلەن ئوغلى ئاپتوموبىل ھەيدەپ يېڭى ئۆيىدىن نەرسە كۆچۈرگىلى كەلگەندە بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، دەرھال قوشنىلارغا مۇنداق دېدى: سىلەرگە رەھمەت، بۇ قېتىم ئۆي كۆچۈشكە بۇنچىلىك ئادەم كەتمەيدۇ ھەم بۇنچىۋالا كۆپ تىراكتور، ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتمۇ كەتمەيدۇ.

  مەمەتنىڭ خوتۇنى خەلچەم مەمەت خەنىساخانغا مۇنداق دېدى: بىز پەقەت يېڭىراق ئۆي جاھازلىرىنىلا ئېلىپ كېتىمىز، باشقا نەرسىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنى ئالمايمىز. يېڭى ئۆيدىكى تېلېۋىزورنى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىر سوۋغا قىلدى، شىرەنى قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان خەنزۇ يۇرتداش سوۋغا قىلدى، تېلېۋىزور ئىشكاپى بىلەن سافانى ئوغلۇم ئېلىپ بەردى، پەردىنى قىزىم ئېلىپ بەردى...

  «كونىلاردا <ئۆي كۆچسەڭ ئۈچ يىل نامرات ئۆتىسەن> دەيدىغان گەپ بار. ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى باياشات ئەمەس ئىدى، ئاران تەستە ئۆينى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆينى سەرەمجانلاشتۇرۇش، ئۆي جاھازلىرى سېتىۋېلىشقا پۇلى قالمايتتى، يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، بىر ياقتىن پۇل يىغىپ، بىر ياقتىن سېتىۋېلىشقا توغرا كېلەتتى. ئۆي كۆچكەندە نەرسىلەرنى ئانچە تاشلىۋەتمەيتتى» دېدى ۋاڭ زىمېي.

  مەمەت ئۆي كۆچۈپ بولغاندىن كېيىن، ئادەم تەكلىپ قىلىپ ھويلىسىغا چوڭ قازان ئېسىپ پولۇ ئەتتى، قوشنىلار بىر تەرەپتىن يېڭى ئۆينى كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ئۆيىنى قانداق بېزەش، تۈزەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆزلەشتى. بۇ نەچچە يىلدا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى كۇچا ناھىيە بازىرىدىن بىنا ئۆي سېتىۋالدى، نۇرغۇن كىشى ئۆي كۆچۈشنى ئەمدىلا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ياكى ئۆي كۆچۈشكە تەييارلىنىۋاتقانىدى.

   غەيرەت بارغانسېرى تولۇپ تاشتى

  قوشنىلار كەتكەندىن كېيىن، مەمەت بىر ئائىلە كىشىلىرى ئازادە، يورۇق مېھمانخانىسىدا «ئائىلە يىغىنى» ئاچتى.

  «بۈگۈن مېنىڭ كەيپىياتىم بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ناھىيە بازىرىدىن سىلەرگە ئۆي ئېلىپ بەرگەن ۋاقتىمدىكىدىن قېلىشمايدۇ. بۇ ئەمىن ئۆينىڭ شارائىتى بىنا ئۆينىڭكىگە ئوخشاش، ھويلىدا يەنە كۆچەت تىكىپ، كۆكتات ئۆستۈرگىلى، قوي - كالا باققىلى بولىدۇ. مەن ۋاقتىنچە ناھىيە بازىرىغا بېرىپ سىلەر بىلەن بىللە تۇرمايمەن» دېدى مەمەت ناھىيە بازىرىدا تاكسى ھەيدەيدىغان ئىككى ئوغلىغا.

  ئەينى چاغدا، مەمەتنىڭ جەمئىيەتكە ئەمدىلا قەدەم قويغان چوڭ ئوغلى سۇۋۇر مەمەت دادىسىنىڭ ئىچ - ئىچىدىن ھاياجانلانغانلىقىغا دىققەت قىلمىغانىدى. دادىسى 100 كىۋادرات مېتىرلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆينى سالغاندا، پۇل تېجەش ئۈچۈن ئۆزى تىراكتور ھەيدەپ ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خۇمداندىن خىش توشۇپ كەلگەنىدى.

  ئىككىنچى قېتىم ئۆي كۆچكەندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى مەمنۇن بولدى. مەمەتنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۆي كۆچۈش كىشىلىك ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ئۆي كۆچۈش ئەمەس ئىدى، ئۇ سۇۋۇرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «پارتىيەنىڭ سىياسىتى بارغانسېرى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ، كىرىمىمىز بارغانسېرى تېخىمۇ ئاشىدۇ، كېيىنچە تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ چىرايلىق ئۆيلەردە ئولتۇرىمىز».

  ھازىر، ناھىيە بازىرىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ ئولتۇراقلاشقان سۇۋۇر مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدە مەن ۋە ئىنىمنىڭ تىرىشىش ئىشەنچىمىز بارغانسېرى ئۇرغۇدى، غەيرىتىمىز بارغانسېرى تولۇپ تاشتى. بىز دائىم بالىلارنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ ئاتا - ئانىمىزنى يوقلايمىز، كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلىپ تۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى