تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قولايلىق ئەشيا ئوبوروتى يوللىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى

ئاپتونوم رايونىمىز كۆپ تەدبىر قوللىنىپ ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن شەھەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «1+4+N» ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن شەھەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلغان. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى يادرولۇق تۈگۈنى ھەم مۇھىم 1- دەرىجىلىك، 2- دەرىجىلىك ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن شەھەرلىرى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، قولايلىق ئەشيا ئوبوروتى يوللىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەنگەن.

  «N+4+1» ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن شەھەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈرۈمچى شەھىرىنى يادرولۇق تۈگۈن قىلغان، قەشقەر شەھىرى، غۇلجا - قورغاس(شەھەر گۇرۇپپا ئۆمىكى)، كورلا شەھىرى، قومۇل شەھىرىنى 1- دەرىجىلىك تۈگۈن قىلغان، قاراماي شەھىرى، كۈيتۈن - مايتاغ - شىخو(شەھەر گۇرۇپپا ئۆمىكى)، بورتالا - ئالاتاۋ پورتى - جىڭ (شەھەر گۇرۇپپا ئۆمىكى)، شىخەنزە شەھىرى، ئالتاي - بېيتۈن(شەھەر گۇرۇپپا ئۆمىكى)، چۆچەك شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، خوتەن شەھىرى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، چاقىلىق ناھىيەسىنى 2- دەرىجىلىك تۈگۈن قىلغان ۋە بەلگىلىك رايون ئورنى قاتناش شارائىتى ھەم خاس كەسىپلەر ئەۋزەللىكىگە ئىگە نۇقتىلىق شەھەر - بازارلارنى 3- دەرىجىلىك تۈگۈن قىلغان ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن شەھەرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى كەسپى <13- بەش يىل>لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ) يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى «ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى ئومۇمىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى» ۋە «ئۈرۈمچى بوشلۇق ئىقتىساد ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»(لايىھە)نى تۈزۈپ تاماملاپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، ئۈرۈمچى بوشلۇق ئىقتىساد ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، قۇرۇقلۇققا يۈزلىنىپ ئېچىۋېتىلگەن يادرولۇق ۋاسىتە سۇپىسى بەرپا قىلىپ، شەھەر ھەم رايون كەسىپلىرىنىڭ دەرىجە - سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب قوش يۆنىلىشتە ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈشكە تىرەك بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىنىڭ «مال توپلاش، باغچە رايونى قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش» ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، يادرولۇق تۈگۈن قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم موتورىغا ئايلاندى.

  ھەرقايسى جايلار «يىرىك پىلان»نى ئىزچىللاشتۇرغاندا، ئەمەلىيلەشتۈرگەندە، شۇ جاينىڭ قاتناش رايون ئورنى ۋە ئەسلىھە بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

  قەشقەر شەھىرى قونجىراپ، تورغات قاتارلىق پورتلارنىڭ ئەۋزەللىكىگە تولۇق تايىنىپ، قەشقەر ئىقتىساد - تەرەققىيات رايونى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى يولى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتتى.

  غۇلجا - قورغاس قورغاس پورتى(ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى)، ئەركەشتام پورتى، باقتۇ پورتى قاتارلىقلارغا تايىنىپ پورت سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى پائال تېزلىتىپ، پورت ئەسلىھەلىرى، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇلازىمەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇردى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سىرتقا سېتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ نورمال يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پورت تىپىدىكى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن شەھىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتتى.

  كورلا شەھىرى «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى» بولۇشتەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا يولى «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» ئىستېرېئولۇق قاتناش - تىرانسپورت تورى تۈگۈن قۇرۇلۇشىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كورلا ئايرودۇرۇمىنىڭ يۈك توشۇش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى نۇقتىلىق بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ سودا - ئەشيا ئوبوروتى يىغىش - تارقىتىش مەركىزى ۋە قۇرۇق، يېڭى مېۋە مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزىنى بەرپا قىلدى.

  قومۇل شەھىرى قومۇل خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى پورتى، تاشيول - تۆمۈريول قۇرۇقلۇق يولى پورتى، ئايروپورت قاتارلىق ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرى تەييارلىق قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تېزلەتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ئەشيا ئوبوروتى كەسپى بىلەن ئالاقە تورى، نەرسە تورىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەشيا ئوبوروتى تىجارىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى