4-ئاينىڭ 17-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئېرەن ئورمانلىقىدا مەنزىرە تاماشا قىلماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى. يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى ۋۇشىڭ رايونى داۋچاڭ يېزىسىنىڭ شىجياچياۋ كەنتىدىكى 180 نەچچە مولۇق ئېرەن ئورمانلىقىدىكى يېڭى يوپۇرماقلار توق قىزىل رەڭگە كىرىپ ساياھەتچىلەرنى ئىستىراھەت، تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى. بۇ ئېرەن ئورمانلىقىدا دۆلىتىمىزدە ئۆستۈرۈلىدىغان قىزىل ئېرەن دەرىخى، ياپونىيە قىزىل ئېرەن دەرىخى قاتارلىق ئېرەن دەرەخلىرى بار بولۇپ، ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە يوپۇرماقلار قىزىل رەڭدە «بويۇلۇپ»، كىشىنى جەلپ قىلىدۇ.
4-ئاينىڭ 17-كۈنى، بىر مۇتەخەسسىس باھار سەيلىسى قىلىۋاتقان ۋۇشىڭ رايونى چېڭنەن تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆچەت تىكىش بىلىملىرىدىن تەلىم بەرمەكتە.
4-ئاينىڭ 17-كۈنى، خەنفۇ كىيىم ھەۋەسكارلىرى ئېرەن ئورمانلىقىدا سەيلە قىلماقتا.
4-ئاينىڭ 17-كۈنى، خەنفۇ كىيىم ھەۋەسكارلىرى ئېرەن ئورمانلىقىدا سەيلە قىلماقتا.
4-ئاينىڭ 17-كۈنى، رەسىم سىزىش ھەۋەسكارلىرى ئېرەن ئورمانلىقىدا رەسىم سىزماقتا.