تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«خېيجىڭشيا» ئايروبۇس A350 شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم ئۇچتى

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئايروبۇس A350 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى.

    مۇخبىرىمىز گو لىڭ خەۋىرى. 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، سىچۈەن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ B-304V نومۇرلۇق ئايروبۇس A350 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى چېڭدۇ شۇاڭليۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىغا سىلىق قونۇپ، ئايروبۇس A350 «خېيجىڭشيا» شىنجاڭدا ئۆزىنى تۇنجى قېتىم نامايان قىلدى.

   ئىگىلىنىشىچە، سىچۈەن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروبۇس A350 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى چېڭدۇ-ئۈرۈمچى بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىكى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى 3U8841/42، كونكرېت ۋاقتى 3U8841 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 18 دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە چېڭدۇدىن ئۇچۇپ، سائەت 21 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارىدىكەن، تەخمىنەن ئىككى سائەت توختىغاندىن كېيىن، 3U8842 نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 23 تىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سائەت 2 دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە چېڭدۇغا يېتىپ بارىدىكەن.

   سىچۈەن ئاۋىياتسىيە شىركىتى كىرگۈزگەن بۇ A350 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى دۇنيا بويىچە ئەڭ يېڭى، ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قوش موتورلۇق، كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلانلارنىڭ بىرى بولۇپ، 331 ئورۇن بار، بۇنىڭ ئىچىدە، 28 ئورۇن ھۆكۈمەت بۆلمىسى، 303 ئورۇن ئەرزان باھالىق بۆلمە بار، ئاۋىياتسىيە مۇساپىسى 15 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.

   بۇنىڭدىن سىرت، تېخىمۇ كەڭ بولغان ئورۇن، پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك دېرىزە، LED چىرىغى سىستېمىسى، يېڭى بىر ئەۋلاد پۈتۈن بۆلمە ھەمتۈرتكە كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىسى يولۇچىلارغا تېخىمۇ مول، ئازادە، كۆڭۈللۈك سەپەر مۇھىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ.


ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى