تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭ سايرام كۆلى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

  بورتالا گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈسۈپ غېنى خەۋىرى، فوتوسى): 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى سايرام كۆلى داڭلىق مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلماقتا.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سايرام كۆلى داڭلىق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى سۇلىرى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك»  گۈزەل سايرام كۆلىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى. مەنزىرە رايونى ئېكولوگىيەسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، زور بىر تۈركۈم ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلدى. 4-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، بۇ مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلغانلارنىڭ سانى 246 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55.4 ئاشتى.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى