تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

يېشىللىققا تولغان مەنزىرە

4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى تەنچېڭ ناھىيەسى تەنگوشياڭ يىنشىڭ ئۆستۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ئىشچىلار قورۇلغان يىنشىڭ چېيى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان يىنشىڭ يوپۇرماقلىرىنى ئاپتاپقا سالماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: قىزىلكوس مەۋسۇمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يامغۇر سۈيى مول بولدى، ئېتىز-ئېرىق ۋە ئورمانلار يېشىللىققا پۈركىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولدى.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان گۇيياڭ شەھىرى خۇاشى دەرياسى مەنزىرىسى.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى بىجيې شەھىرى دافاڭ ناھىيەسى فېڭشەن يېزىسىدا، بىر دېھقان كۆكتات پارنىكىدا ئەمگەك قىلماقتا.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىلغان خۇنەن ئۆلكىسى يۇڭجوۋ شەھىرى داۋشيەن ناھىيەسى ليەنشىخې دەرياسى بويىدىكى يېزىنىڭ باھار مەنزىرىسى. 

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى جىنپىڭ ناھىيەسى تۇڭگۇ بازىرى نېنجەي كەنتىدە، بىر دېھقان ئېتىزدا ئەمگەك قىلماقتا.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى گۇيجوۋ ئۆلكىسى تۇڭرېن شەھىرى فەنجىڭشەن تېغى ئېتىكىدە سۈرەتكە تارتىلغان گۇڭتۇڭ دەرىخى.

4-ئاينىڭ 16-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى داۋشيەن ناھىيەسى مېيخۇا بازىرى يىياڭ كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ئېتىزدا ئەمگەك قىلماقتا.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى