تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كورلا: قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چاچتى

  بايىنغولىن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن جيەنفېي): يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدىكى نەشپۈتلۈك باغدا، بىر قۇشقاچ گۈل شېخىغا قونۇۋالغانىدى. ئىللىق باھار پەسلىدە، كورلا شەھىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ، گۈزەل باھار مەنزىرىسى كىشىلەرنى مەپتۇن قىلدى. نەشپۈتلۈك باغدا، يېشىل يوپۇرماقلار ۋە ھەر خىل گۈللەر بىر-بىرىگە تۈس قوشۇپ، گۈزەل مەنزىرە نامايان بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى باغ سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى.

ئەسلىي خەۋەرنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرۈڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى