تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چۈ يۈەنيۈەن، جاڭ جىڭ): 4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە، «ئاداقتا ئۇچرىشىشقا ۋەدىلىشىپ، بىرلىكتە ئۆرۈك چېچىكى ۋە باھارنى تاماشا قىلىش» 2019-يىللىق ئاداق يېزىسى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر كېپىنەك دۇنياسىنى «كەزدى».
ئاراتۈرۈك ناھىيەسى ئاداق يېزىسى كېپىنەك جىلغىسىغا جايلاشقان كېپىنەك سارىيىدا، 5000 كېپىنەك بار، ئاق، سېرىق ياكى ئارىلاش رەڭلىك كېپىنەكلەر ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا، گۈل-غۇنچىلارنىڭ ئۈستىدە، دەرەخ غوللىرىدا ئۇسسۇلغا چۈشتى... كېپىنەكلەر يەنە ئاستا-ئاستا ئۇچۇپ كېلىپ، خۇددى ساياھەتچىلەرگە سالام قىلىۋاتقاندەك، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ ياقىسى ياكى يېڭىگە قونۇۋالىدۇ، بەزى «قاپ يۈرەك» كېپىنەكلەر ساياھەتچىلەرنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسىگە قونۇۋېلىپ، ئايرىلىشقا ئۇنىمايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، كېپىنەكنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى تۇخۇم، لىچىنكا، قورچاق ۋە يېتىلگەن قۇرتتىن ئىبارەت تۆت دەۋرنى باشتىن كەچۈرىدىكەن. كېپىنەك تۇخۇمدىن چىقىشتا تېمپېراتۇرا ۋە نەملىككە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، تۇخۇمدىن چىقىش مەزگىلىدە، تېمپېراتۇرا 28-32 سېلسىيە گىرادۇس ئارىلىقىدا كونترول قىلىنىدىكەن، نەملىك دەرىجىسى %68- %72 بولىدىكەن. كېپىنەك سارىيىدا، مۇخبىر ساراينىڭ تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكنى 24 سائەت ئۆلچەپ، كونترول قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆردى. بۇنىڭدىن باشقا، كېپىنەكلەر يەنە يېتەرلىك يېمەكلىككە، جۈملىدىن تەبىئىي يېمەكلىك ۋە سۈنئىي يەم- خەشەككە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، كېپىنەك سارىيىدىكى كۆپ قىسىم كېپىنەكلەر يۈننەندىن كەلتۈرۈلگەنىكەن.
ئارا تۈرۈك ناھىيەسى ئاداق يېزىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز ئاداق يېزىسىنىڭ ساياھەت بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، بۇ جاينى داۋاملىق ئېكولوگىيە سەيلىسى، يېزا-كەنتنى ھېس قىلىش، ساياھەت-دەم ئېلىش بىر گەۋدە قىلىنغان يېزا-كەنت ئېكولوگىيەلىك سەيلە-ساياھەت سىستېمىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.»