مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋمى خەۋىرى: 4-ئاينىڭ 12-كۈنى، 2019-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىك بويىچە ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا، شىنجاڭ داشىبۇ ساياھەت پاي چەكلىك شىركىتى ۋە بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ يىل بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى نۇقتىلىق ئۆزگەرتىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، كارىزنى كەچتە سەيلە قىلىش تۈرىمۇ ئېچىۋېتىلىدۇ.
شىنجاڭ داشىبۇ ساياھەت پاي چەكلىك شىركىتى تۇرپان بۆلىكىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ مىڭمىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، بىز تۇرپان كارىز مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى مەنزىرە رايونىدا كەچلىك ساياھەت تۈرىنى ئېچىۋېتىمىز، كەچلىك ساياھەت قىلىش ۋاقتى سائەت 20:00 دىن 24:00 كىچە بولىدۇ، ساياھەتچىلەر كارىزنى كەچتە سەيلە قىلالايدۇ، يەنە شىنجاڭنىڭ خاس ئېسىل تائاملىرىغا ئېغىز تېگەلەيدۇ، ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىنى سېتىۋالالايدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كارىز مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى مەنزىرە رايونىدا ھازىر كارىز ئەمەلىي گەۋدىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر كارىزنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى قىسىمىدىن كارىزنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى، قۇرۇلمىسى ۋە قوغدالغان ھازىرقى ھالىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىيەلەيدىكەن.
نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ساياھەت رايونلىرى ساياھەت كەسپىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، كەينى-كەينىدىن كەچلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويدى، كارىز مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى مەنزىرە رايونىمۇ 2018-يىلى كەچلىك ساياھەت تۈرىنى ئېچىشنى سىناق قىلدى. كۈتۈۋېلىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 2018-يىلى يىل ئاخىرىدىن ھازىرغىچە، مەنزىرە رايونى ئەتراپتىكى مېھمانخانىلارغا قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان، ھازىرغىچە ئۆلچەملىك مېھمانسارايدىن بىرى قۇرۇلغان، 3 قەۋەتلىك كارىز تۇرالغۇسى ۋە بىر پۇقرالار قونالغۇسى شەكلىدىكى مېھمانساراي ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، جەمئىي 386 ياتاق بار ئىكەن.